بۇلبۇل بلوگى

0

مېنى سېغىنىدۇ

558

مېنى سېغىنىدۇ، مېنى سېغىنىدۇ
ئىشىكىنى ئاچماسلىق ئۈچۈن،
چېكىلىۋاتقىنى ئىشىك ئەمەس
كېتىۋاتقان بىرىدۇر
ئۇنىڭ بىلەن ئىشىك ئارىسىدىكى تار كوچىدا.

مېنى سېغىنىدۇ، ئاندىن قورقىدۇ
يېنىدىكى ئادەم ئۈچۈن
يېنىدىكى ئادەمنىڭ
مەن بولماسلىقىمنى تىلەيدۇ پۈتۈن.

ئۇ بىر مۇھەببەتلىك كېچە
ئاندا – ساندا يۇلتۇزلار
ئاندا ساندا قەدەم تېۋىشى
ئاندا-ساندا جىمجىتلىق ۋە
سېغىنغان ئاۋاز.

ئىككىمىز ئارىسىدىكى ۋاقىت بۇ
سېغىنىش دەپ ئىسىم قويسىمۇ
مەنىسىزلىككە چىقارسىمۇ
ياكى ۋەقەلىكى ناھايىتى جىددىي بىر كىنونى كۆرۈش ئارقىلىق ئۆتكۈزىۋەتسىمۇ بولىدىغان.
ئۇنىڭدىن ئېشىپ قالىدىغىنى مەن
«بىرسى مېنى سېغىنىدۇ» دەپ ئۆزىنى ئالداۋاتقان.

راست سېغىنىنغان بولسىچۇ
ئۇھ تارتقان بولسىچۇ
ئىسمىمنى يىرتىپ قۇراشتۇرۇپ ئولتۇرغان بولسىچۇ
ئىچىدىكى ۋەھىمىنىڭ بىر بۇلىڭىدا.
ھېچنېمە دەپ بولمايدۇ
ئاستا – ئاستا ئۆتۈۋاتقان مۇشۇ ۋاقىتتا.

مېنى سېغىنىدۇ، مېنى سېغىنىدۇ، كېيىن
ئۆزىنىڭ يېنىمدا تۇرغانلىقىنى كۆرۈپ قالار
قۇلۇمنىڭ بوينىدا تۇرغانلىقىنى كۆرۈپ قالار
لېۋىمنىڭ لېۋىدىكى دېڭىزغا
ئىچىمدىكى ئادەمنىڭ ئۇنىڭ ئىچىدىكى دوزاخقا كىرىپ كېتىۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ قالار
كۆرۈپ قالار ئاشۇ ئادەمنىڭ
ئىككىمىز ئىكەنلىكىنى.
ئۇنىڭ بىزگە قاراپ كېلىۋاتقانلىقىنى
قۇلىدىكى خەنجەردىن ئەزرائىلنىڭمۇ دىر-دىر تىترەۋاتقانلىقىنى…

«مېنى سېغىنىدۇ» دېدىم
ئاندىن يالغان بولۇشىنى ئۈمىد قىلدىم
چۈنكى يالغان نەرسىلەر
رېئاللىقتىن بولاتتى گۈزەل
يالغۇزلۇقۇمدىنمۇ ھەتتا.

دەل مۇشۇ يەردە ئۇنتۇپتىمەن
مېنى سېغىنغىنىدىنمۇ مۇھىم بىر ئىشنى
بەلكىم بىز بەرپا قىلغاندىمىز
بىزگە قاراپ كېلىۋاتقان ئاشۇ كىشىنى.
بىزنى بەرپا قىلغاندەك
سېغىنىشتىن بۇرۇنقى ئەستايىدىللىق،
ئىنتىلىش…

شېئىرلىرىمىزنى ياقتۇرغان بولسىڭىز بېكىتىمىزگە مۇشتەرى بولۇپئەڭ يېڭى شىئىرلاردىن خەۋەردار بولۇڭ

سىزمۇ باھا يېزىپ بېقىڭ