بۇلبۇل بلوگى

0

مەڭگۈ شۈكرانىم تولا

238

ماڭلىيىمدا دەۋر پۈتكەن ئىشقىي داستانىم تولا،

بىر ئوقۇپ ھەيرەتتە قالدىم، چۈنكى ھىجرانىم تولا.

بۇ ”نېچۈك قىسمەت؟“دېدىم مەن، كۆككە باقتىم تېڭىرقاپ،

كۆك جاۋاب ئېيتالمىدى، ئىزدەنسىمۇ، جانىم، تولا.

بولدى پەرھاد بىرلە مەجنۇن بۇ سوئالىمغا جاۋاب،

ئىشق ئەھلى قىسمىتىدىن ئاشتى ھەيرانىم تولا.

تاكى بايقۇش جۈپتى بىرلەن ئەيش-ئىشرەتتە ھامان،

باغرى خۇن كاككۇك ئۈچۈن ئۆرتەندى ۋىجدانىم تولا.

قاغا-قۇزغۇن بىخەۋەردۇر دەرد نېمە، ئارمان نېمە،

ھەر نەپەس ئارماندا بۇلبۇل تاشتى، ئارمانىم تولا.

قاغىدەك بىدەرد ياشاشتىن دەردتە ئۆلمەكلىك تۈزۈك،

”چىن يۈرەك دەرد بىرلە ياشنار“ دەيدۇ ئىمانىم تولا.

مەيلى ھىجران، مەيلى ۋەسىل، مەڭگۈلۈكتۇر بىر كۆيۈك،

شۇ كۆيۈكسىز بولسا جان، جاندىن پۇشايمانىم تولا.

كۇپرىغا يول قويما، مىسكىن، ھىجرىمۇ نېسىۋىدۇر،

قىسمىتىم شۇ بولسا ئەمدى، مەڭگۈ شۈكرانىم تولا.

1968-يىل مارت، ئۈرۈمچى

ئالدىنقى شېئىر:

كېيىنكى شېئىر:

شېئىرلىرىمىزنى ياقتۇرغان بولسىڭىز بېكىتىمىزگە مۇشتەرى بولۇپئەڭ يېڭى شىئىرلاردىن خەۋەردار بولۇڭ

سىزمۇ باھا يېزىپ بېقىڭ