بۇلبۇل بلوگى

0

مەن يولدىن چىقتىم

231

بەزىدە سۇلار
ئېقىنلاردىن چىقىپ كېتىپ
ئادەملەر ماڭىدىغان يولدا مېڭىپ
ئازگاللار ئۇچرىسا بىر دەم ئارام ئېلىپ
ھېچكىمنىڭ دىققىتىنى تارتماس بولغاندا
قايتىپ كېتىدۇ ئېقىنلارغا.

بەزىدە ئۆي چاققۇچىلار
چاقىدىغان ئۆي تاپالماي
چاقار ئۆز ئۆيلىرىنى،
لېكىن ئۇلار چۈشەندۈرگەندە
دېمەيدۇ ھەرگىز
خۇمارىنى باسقانلىقىنى.

مەن يولدىن چىقىپ كەتتىم
چۈنكى بۇ يولنىڭ
ئاللىبۇرۇن يولدىن چىقىپ كەتكەنلىكىنى بىلدىم.

مەن سۇ ئەمەس،
ئۆي چاققۇچىمەن،
ئۆيۈم بولمىغاچ چاقىمەن ئۆزۈمنى؛
ئاۋۋال كۆزۈمنى چاقىمەن
كېيىن سۆزۈمنى چاقىمەن
چاقىمەن ئاخىرىدا
ئۆلۈمنى.

2016- يىلى 25- مارت

ئالدىنقى شېئىر:

كېيىنكى شېئىر:

شېئىرلىرىمىزنى ياقتۇرغان بولسىڭىز بېكىتىمىزگە مۇشتەرى بولۇپئەڭ يېڭى شىئىرلاردىن خەۋەردار بولۇڭ

سىزمۇ باھا يېزىپ بېقىڭ