بۇلبۇل بلوگى

0

مەن ياشاپ قالغانچىلىك بەختسىزمەن

227

ئېسىمدە يوق بولۇشى كېرەك بولغان ئىشلار بىلەن

سېنىڭ بىرەر مۇناسىۋىتىڭ بار بولىدۇ،
چۈمۈلە قانىتىچىلىك مۇناسىۋىتىڭنى دەپ
مەن داۋاملىق ياشاشنى تاللايمەن.

سەن ئالدىمدىن ئۆتۈپ كەتكەن بىر ئادەم
سەن مېنى ئىزدەۋاتقاندەك ئېچىلغان بىر دېرىزە
سەن پەشتاق پەسكە چۈشىدىغان
سەن دائىم گۈزەل دەپ تەسەۋۋۇر قىلىنىدىغان ئەتە.

مەن ساقىلىمنى ئالىمەن، ئەينەككە قارايمەن
ئاندىن سىرتقا چىقىش نىيىتىمدىن يانىمەن
بىر ئىستاكان قەھۋە ياكى قاراڭغۇنىڭ چۈشىشىنى
ئوخشاش بىر نەتىجە دەۋالىدىغان بالىمەن.

ھەقىقەتەن خاتالىشىمىز
ھەقىقەتەن سېغىنىمىز
چۇۋۇيدۇ، قۇراشتۇرىدۇ
بىرسى – بىرسىمىزنى ئېسىمىز.

مەن ياشاپ قالغانچىلىك بەختسىزمەن
سەن ئۈمىد بېغىشلايسەن تەكرار
مەن سېنى «ئەمەس» دېيىش ئۈچۈن
دەيمەن يوللارنى ئۇزۇن ۋە تار…

ئالدىنقى شېئىر:

كېيىنكى شېئىر:

شېئىرلىرىمىزنى ياقتۇرغان بولسىڭىز بېكىتىمىزگە مۇشتەرى بولۇپئەڭ يېڭى شىئىرلاردىن خەۋەردار بولۇڭ

سىزمۇ باھا يېزىپ بېقىڭ