بۇلبۇل بلوگى

0

مەن سەۋدايى بولۇپ قاپتىمەن

227

بالىجانلىق بولۇپ قاپتىمەن ،
ئانىجانلىق بولۇپ قاپتىمەن .
شۇڭا ، ئانام كۆز يۇمغان كۈنى
قەبىرستاندا قونۇپ قاپتىمەن .

ئانا بولماي بالىلار نەدە ،
شۇڭا ، پەرياد ئۇرۇپ قاپتىمەن .
ئەگىز سۈيى تولغان گوداڭدەك ،
ھەسرەتلەرگە تولۇپ قاپتىمەن .

ئانام كەتتى -كەچ كۈزۈم كەلدى ،
قوراي كەبى قۇرۇپ قاپتىمەن .
ئانام كەتتى -كۆيدى خامىنىم ،
دۆڭدىن شىۋاق ئورۇپ قاپتىمەن.

سۈت ئورنىغا ئەمدى ئالدىمدا ،
كۈندە داغ سۇ كۆرۈپ قاپتىمەن .
قازانلاردا قايناق سۇ ئىدىم ،
ئەمدى بىردىن سوۋۇپ قاپتىمەن.

ئانام كەتتى -يىتتى بايلىقىم
يوقسۇل كەبى سۇلۇپ قاپتىمەن .
تۆگە سويماق بولۇپ يۈرگەنتىم ،
قۇرۇق ياغاچ يۇنۇپ قاپتىمەن .

كىملەرگىدۇر ئانام چېغى دەپ ،
قوللىرىمنى سۇنۇپ قاپتىمەن .
يىغلىۋەتتىم ، ئەمەس ئىكەن دەپ ،
چۈنكى خاتا تونۇپ قاپتىمەن .

كوچىلاردا ياتتى دىمەڭلار ،
سامان تەقلىد سۇنۇپ قاپتىمەن .
ئانام كەتتى -ئامىتىم كەتتى ،
بۇ دۇنيادىن تويۇپ قاپتىمەن .

غازاڭ تۆككەن دەرەخ تۈۋىدە ،
ساراڭلاردەك تۇرۇپ قاپتىمەن .
سىزمۇ شۇنداق بولغانمۇ دوستۇم ،
مەن سەۋدايى بولۇپ قاپتىمەن .

ئالدىنقى شېئىر:

كېيىنكى شېئىر:

شېئىرلىرىمىزنى ياقتۇرغان بولسىڭىز بېكىتىمىزگە مۇشتەرى بولۇپئەڭ يېڭى شىئىرلاردىن خەۋەردار بولۇڭ

سىزمۇ باھا يېزىپ بېقىڭ