بۇلبۇل بلوگى

0

مەن ئەتە بولمايمەن ياكى بۇ كېچە

394

ئاخىرقى كېچە بۇ سېنىڭ چېچىڭدەك
ئالدىمدا يېيىلىپ تۇرغىنى چوڭقۇر.
مەن ئەتە بولمايمەن ياكى بۇ كېچە،
قالىدۇ بۇ يەردە بىر تامچە يامغۇر.

ئۆگەندىم نىھايەت سۈكۈت قىلىشنى،
غەمكىن بىر تەبەسسۇم ئىچىدە كۆيۈپ.
ئاھ شۇنداق بولاركەن، بولاركەن شۇنداق
ئايرىلار ئىكەنمىز باقماستىن سۆيۈپ.

كوچاڭغا چۈشىدۇ مەن ئېيتمىغان سۆز
بىر دانە غازاڭغا ئايلىنىپ ئاستا.
سەن ئۇنى ئاۋايلاپ قولۇڭغا ئالساڭ
ئېسىڭگە كېچىدۇ ئۇچراشقان چاغلار.

ئاخىرقى كېچە بۇ بەختىمدىن قىسقا
دېرىزەم ئېچىلغان ئۇلۇغ بىپايان.
ئاخىرقى دەيمەنۇ، قىلىدۇ ئىنكار
مېنىڭ بۇ سۆزۈمنى ساقايماس يارام.

تويماستىن قارايمەن قاراڭغۇلۇققا
قارايمەن ئاخىرقى كۆزلىرىم بىلەن.
ئەتىكى تاڭلارنى ساڭا ئۇزاتتىم،
ئۈن-تىنسىز بىر ھالدا قوبۇل قىل جەزمەن!

2014- يىلى 20- نويابىر

شېئىرلىرىمىزنى ياقتۇرغان بولسىڭىز بېكىتىمىزگە مۇشتەرى بولۇپئەڭ يېڭى شىئىرلاردىن خەۋەردار بولۇڭ

سىزمۇ باھا يېزىپ بېقىڭ