بۇلبۇل بلوگى

0

مەن بىر ئۆي بولسام

217

يېرىمى سۇنغان ئاينىڭ
ئۈمىتسىزلىك ئىچىدە ئۇخلاپ قالغانلىقىنى
يۇلتۇزلارنىڭ يىغلاۋاتقانلىقىنى كۆردۈم
ۋە يېگىلى بولىدىغان كېچىلەرنىڭ بوسۇغىسىدا
كىمدۇر بىرسىنى ئۆلۈمۈمگە ئۇزۇتۇپ قويدۇم

بېلىقلار سۇغا شوڭغۇيدۇ ئۈمىدىمنىڭ بارچىسىنى ئېلىپ
يېرىم كېچىدە ئۇنىڭ لەيلەپ قالغان جەسىتىنى سۈزۈۋالىمەن
قۇشلار ئاسمانغا ئۇچۇپ كېتىدۇ ھاياتىمنىڭ باھارىنى چىشلەپ
ئويغىنىپلا لەپىلەدەپ يېغىۋاتقان قارلارنى كۆرىمەن
ئىچىمدىكى ئىتلارنىڭ ئەنسىز قاۋاشلىرىدىن زېرىكىپ
بىر كۈنلەردە جەسىدىم مۇزلاپ قالىدىغان دالىلارنى كېزىمەن

مەن بىر ئۆي بولسام
توپا بىلەن سۇنىڭ قېتىشمىسىدىن پۈتكەن
چۈشۈمگە كىرىشىڭ ئۈچۈنمۇ بىرەر ئىشىك ياكى پەنجىرە قويۇلمىغان
خىيالىمدىن چىقىپ كېتىشىڭ ئۈچۈن بولسىمۇ تۈڭلۈك ئورنىتىلمىغان
مەن بىر ئۆي بولسام
مەن بىر ئۆي بولسام
ئەزەلدىن ھېچكىم ۋە ھېچيەردە بولمىغان…

بولساممۇ گەرچە شامالغا قارشى قويۇلغان شامدەك يېنىپ تۇرغان
ھەتتاكى بىر تال چېچىڭمۇ مەندىن بەختىيار ھالدا
ھەتتاكى يېنىڭدا قۇرۇپ تۇرغان ئاۋۇ دەرەخمۇ مەندىن شادىمان ھالدا
ھەتتا ئاۋۇ ئۆرۈلگەن تاملارمۇ باغرىمدىن پۈتۈن ھالدا
ھەتتاكى ئاۋۇ ساڭا قول سۇنغان تىلەمچىنىڭ
قولىدىكى پۇچۇق چىنىسىمۇ مەندىن نۇرلۇق ھالدا باقار ساڭا…

چېچىڭنى سىلايمەن بارماقلىرىمدا
ئەمما يۈزلىرىڭ مەندىن بەكمۇ يىراقتا
يۇمۇلغان كۆزلىرىڭنى قىلىمەن خىيال
ئەمما ئۇنىڭ ئېچىلىشىنى بىلەر بىر خۇدا…

ئالدىنقى شېئىر:

كېيىنكى شېئىر:

شېئىرلىرىمىزنى ياقتۇرغان بولسىڭىز بېكىتىمىزگە مۇشتەرى بولۇپئەڭ يېڭى شىئىرلاردىن خەۋەردار بولۇڭ

سىزمۇ باھا يېزىپ بېقىڭ