بۇلبۇل بلوگى

0

مەن بىلدىم

234

‏(1)‏

ھېرىپ ھالىدىن كەتكەن سەھەردە

چۈشۈمدە كۆرگەن تاغ ئوت بولۇپ يانغان شەھەردە

خامخىيال يەنە ساقىپ چۈشتى ئورۇق يۈزۈمدىن

كۈلكىلىك ئەپسانە-رىۋايەتلەر ئۇچتى كۆزۈمدىن

ساختىلىققا كۆنگەن قولۇمدا تۇتۇۋالدىم قىزىل لەۋلەرنى

توسىۋالدىم خۇما كۆزلەرنى،شۇ چاغ يىغلاپ تاشلىدىم

مەن بىلدىم، ‏

بەلكىم خۇدا قەلبىمدە ئايلاندى تۇزغا

كارۋات-ۋەتىنىمدەك قاتتىق،بىئارام ۋە‎ ‎كونىراپ كەتكەن ‏

تورۇستىن كۆردىم:تۇمان ئويغانماقتا بىر قىز قوينىدىن

 

‏(2)‏

مەن بىلدىم

يىراقلاردا سەن بار سەرگەردان

بۇرۇنقى زاماندىكى بىر گۈزەل چوكان ‏

ئۈرۈمچىنىڭ ئۇزۇن قىشىدا،مېنىڭ بىلەن ياتقۇڭ كېلەمدۇ؟

بەدىنىڭدە زاغرا پۇرىقى،سۇمبۇل چېچىڭنى ئۆرۈپ بولالماي

سۆيگىنىڭنى سۆيۈپ بولالماي،ئۆلگۈڭ كېلەمدۇ؟

يۇلتۇز تەشكەن كۆزلىرىڭنى تىكىسەن ماڭا

مەن بىلدىم

ئازابلانغۇڭ يوق،ئۆلۈمدىن قورقىسەن،ئۆلگۈڭ بار ئەمما

ئاسان ئۆلۈم تىلەيسەن دائىم:‏

ئىبادەتتە ئولتۇرغان پېتى ئۆلۈپ كەتسەڭچۇ!؟

تاتلىق ئۇخلىغان پېتى ئۆلۈپ كەتسەڭچۇ!؟

مەن بىلەن ياتقان پېتى ئۆلۈپ كەتسەڭچۇ!؟

خۇددى ئاشۇ ئوقۇغۇچى قىز ناشتىلىق تاماققا خېمىر يۇغۇرۇپ

تاڭ ئاتاردا جىمجىتقىنا ئۆلۈپ كەتكەندەك ‏

 

‏(3)‏

‏1947-يىلى قەشقەر دارىلمۇئەللىماتتا ئوقۇغان بىر قىز

ئۆلۈپ كەتتى تېخى يېقىندا

ئۇنىڭ ئېسىدە ئۇرۇق-تۇغقانلىرىدىن باشقا ھېچكىم قالمىغان

چالا-پۇچۇق بىر مۇھەببەت ھېكايىسى بار

تۇرۇپ ئويلايمەن:ياشىسامچۇ ئاشۇ يىللاردا

ئۇ چاغلاردا چوقۇم كۈندە يېڭىلىق،كۈندە ھاياجان

كۈندە جان قايغۇسى، كۈندە ئۆلۈم ،كۈندە مۇھەببەت! ‏

مەن بىلدىم ‏

تارىخنىڭ بىزگە يېقىنلىقىنى،بىز بىلەن بىللە تۇرغانلىقىنى

مەن بىلدىم

دوستلۇقنىڭ ئېغىر يۈكىنى،مۇھەببەتنىڭ كېسەللىكىنى

ئاتا-ئانىنىڭ‎ ‎بىمەنىلىكىنى ،بالىلارنىڭ ئاجىزلىقىنى  ‏

قېرىلىقنىڭ مەينەتلىكىنى،ياشلىقنىڭ كالۋالىقىنى

ئەرلەرنىڭ ساختىلىقىنى،ئاياللارنىڭ ئازابلىقىنى

مەن بىلدىم

بارلىق ئەسلىمىلەرنىڭ بەرھەق راستلىقىنى!‏

 

‏(4)‏

مانا ئاشۇنداق بىر سەھەردە

بېلىگە قىزىل،سېرىق،كۆك،يېشىل لاتىلارنى

باغلىغان دەرۋىش يېتىپ كېلەر ھېيىت بولغان يەرگە

كۆزلىرى خىرە،بەدىنى قاسماق،تۇرقى كۆرۈمسىز

لېكىن، كۈچى قۇدرەتلىك،گېپى ئىلاھىي،قىلىقى سىرلىق

ئۇنىڭ ئالقانلىرى تەڭلىنەر ماڭا:‏

‏                                ـــ ھەق دوس،ئىللەللا! ‏

مەن نېمە دەي؟نېمەمنىمۇ بېرەي ئۇنىڭغا؟!‏

ئەگىشىپ كېتەيمۇ بىللە چۆللەرگە

مازارلارغا،بازارلارغا،تاغلارغا،باغلارغا؟!‏

تۇتۇپ بېرەيمۇ ئۆزۈمنى‏

‏ يىلانلارغا،چايانلارغا،پىتلارغا،بۈرگىلەرگە؟!‏

مەن قانداق قىلاي؟!‏

ئۇ دۇنيانى ئويلايمۇ،بۇ دۇنيانىمۇ؟!‏

مەن بىلدىم ‏

چوقۇم ئۆلۈشىمىز كېرەكلىكىنى!‏

 

‏(5)‏

مەن بىلدىم

قىيامەت كۈنى قۇرام تاشلار ئەتىۋارلىشىپ

قولدىن قولغا ئۆتۈپ يەرگە تەگمەسمىش

قىيامەت كۈنى جاھان ئوت بولۇپ يېنىپ

بىر تۈپ بۇيا سايىسىدا سايىدارمىش قىرىق ئەركەك

قىيامەت كۈنى ئەڭ مۇڭلۇق ناخشىلارنى ئېيتىپ

ئېشەك مىنىپ كېلەرمىش جەددال

قىيامەت كۈنى قۇتقۇزارمىش ئېلىۋەتكەن تىرناقلار بىزنى

 

‏(6)‏

مەن بىلدىم،

مېنىڭ ئايشەم ئابدۇۋاھىت دېگەن ھاممام شۇنداق دېگەن:‏

ــ خۇدا ئۆزى چىگكەن تۈگۈننى ئۆزى يېشىدۇ!‏

 

2007-يىل 23-مارت

ئالدىنقى شېئىر:

كېيىنكى شېئىر:

شېئىرلىرىمىزنى ياقتۇرغان بولسىڭىز بېكىتىمىزگە مۇشتەرى بولۇپئەڭ يېڭى شىئىرلاردىن خەۋەردار بولۇڭ

سىزمۇ باھا يېزىپ بېقىڭ