بۇلبۇل بلوگى

0

مەھمۇد كاشىغەرى

232
ئالەمنىڭ ھېكمىتى پۈتۈلگەن تىلغا،
مەن ئۇيغۇر تىلىمنى قويىمەن يانداش.
سىنادا مۇراجىئەت قىلغاندا مۇسا ،
بوغان نەپەسلىرى بولغان زامانداش.

يۇلتۇزلارنى سۈزۈپ پەلەككە تىزدىم ،
ئارىلاپ يۇرتۇمنىڭ قىشلاقلىرىنى.
قۇياشقا ئۇلىدىم ئافراسسىياپنىڭ ،
تەۋەرۈك سەلتەنەت پەشتاقلىرىنى.
ئاتلار تۇيىقىدىن چاچرىغان سۆزلەر ،
ئاداشقان نەسلىمگە بولىدۇ چولپان.
مەن پۈتكەن ھەركالان ھەتتا چىكىت پەش ،
مىڭ يىللىق سۇلالە ياكى بىر زامان.
تىلىم ئامان بولسا ئەجدادىم ئامان ،
مەھشەر ئوتلىرىدا ئەۋلادىم ئامان.
يىشىلىپ پۇتىغا چىرماشقان تۈگۈن ،
ئۆزگە ئىقلىملارغا يوللىرى راۋان.

ئالدىنقى شېئىر:

كېيىنكى شېئىر:

شېئىرلىرىمىزنى ياقتۇرغان بولسىڭىز بېكىتىمىزگە مۇشتەرى بولۇپئەڭ يېڭى شىئىرلاردىن خەۋەردار بولۇڭ

سىزمۇ باھا يېزىپ بېقىڭ