بۇلبۇل بلوگى

0

مېھىر قالۇر، مۇھەببەت قالۇر

338

ئۆتەر قانچە يىللار توزانى،
بارچە يۇلتۇز ساما كۆز ياشى،
ئۆتەر ئىنسان ياخشى – يامانى،
مېھىر قالۇر، مۇھەببەت قالۇر.
قارىچۇقتا پارلىغان ئاشۇ،
ئىقبالىغا چىللىغان ئاشۇ،
دۇنيانى تار ئەيلىگەن ئاشۇ،
مېھىر قالۇر، مۇھەببەت قالۇر.
ئانار، سېنىڭ يۈزلىرىڭ گۈزەل،
خۇمار، سېنىڭ كۆزلىرىڭ گۈزەل،
ئەستە قالماس سۆزلىرىڭ گۈزەل،
مېھىر قالۇر، مۇھەببەت قالۇر.
ئېقىپ كەتتى سۇلاردا تاھىر،
زۆھرە يىغلاپ قالدى قان باغىر،
كەلگەندە ھەم زامانە ئاخىر،
مېھىر قالۇر، مۇھەببەت قالۇر.
نېمە دەيسەن، ئەي غەيۇر ئىنسان؟
غەيۋەتلىرىڭ قىلدى مېنى قان،
ئىشەن، سەنمۇ ئۆتەرسەن ھامان،
مېھىر قالۇر، مۇھەببەت قالۇر.

* * * * * * *
ئاپتورى: مۇھەممەد يۈسۈف

مەھمۇدجان خوجا ئۈمىدۋار ئۇيغۇرچىلاشتۇرغان
* * * * * * *

ئالدىنقى شېئىر:

كېيىنكى شېئىر:

شېئىرلىرىمىزنى ياقتۇرغان بولسىڭىز بېكىتىمىزگە مۇشتەرى بولۇپئەڭ يېڭى شىئىرلاردىن خەۋەردار بولۇڭ

سىزمۇ باھا يېزىپ بېقىڭ