بۇلبۇل بلوگى

0

ماڭا پەقەت قۇشلارنى ۋە بالىلارنى قالدۇرۇڭلار

191

 

 

سەن سۈكۈت قىلىشىڭغا

غېمىنى يېيىشكە باشلايدۇ بىرسى

سېنىڭ ئورنۇڭدا

سېنىڭ چۈشلىرىڭنىڭ

 

ئاڭلاپ باق

ئۇ سەن ئەمەس ئەسلا

ئۇلار يەنە

نەپەس-نەپەستە سېنىڭ ئىچىڭدە

 

دېڭىزىغا بارالماستىن

ھېرىپ قايتىپ كەلگەن سۇلار

بىردىنلا غايىپ بولسا

سۇلغۇن قورۇقلىرىدا يۈزۈڭنىڭ

بىر قانچە غۇلاچ يەنە قايىدۇ

سەندىن نېرىغا زامان

 

چۈشەي دېگەندە

ئېسىلىپ تانىسىغا بىزارلىقنىڭ

يېشىلىدۇ بىر-بىرلەپ

تىلىڭنىڭ ئۇچىدىكى سۆزلەر

 

كېتىڭلار دەيسەن

ھەممىڭلار كېتىڭلار

ماڭا پەقەت قۇشلارنى

ۋە بالىلارنى قالدۇرۇڭلار

 
* * * * * * *

ئاپتور: تەكىن گۆنەنچ

ئەنۋەر ھامىت تەرجىمىسى

* * * * * * *

ئالدىنقى شېئىر:

كېيىنكى شېئىر:

شېئىرلىرىمىزنى ياقتۇرغان بولسىڭىز بېكىتىمىزگە مۇشتەرى بولۇپئەڭ يېڭى شىئىرلاردىن خەۋەردار بولۇڭ

سىزمۇ باھا يېزىپ بېقىڭ