بۇلبۇل بلوگى

0

ماڭا ھېچنېمە بولمىدى

576

ئ‍ىچىم قاپاقلار ئ‍ېسىلىپ قۇرۇپ كەتكەن باراڭلىق
ئ‍ېقىپ چۈشىۋاتقان پېتى توڭلاپ قالغان سۇ
سېنىڭ مەھەللەڭدىكى قارا تاشلىق تۇپراق
ياكى سەن ياقتۇرمايدىغان قىزىلمۇچ قىيامى ..

چەكسىز تېزلىكتە ئ‍ايلىنىۋاتىمەن
ھەرۋاقىت ئ‍وقۇمدىن ئ‍اجراپ كېتىش خەۋپى مېنى قورقۇنچقا سالالمايدۇ
ھەر ۋاقىت سەندىن ئ‍ايرىلىپ قېلىش قورقۇنچى مېنى ساراسىمىگە سالىدۇ

ھېچقىسى يوق، ماڭا ھېچنىمە بولمىدى
مەن پەقەت تىنماي چۆرىلىۋاتقان ماشىنىدەك
قولۇمنىلا تىكىۋالماقتىمەن..

2016~3~18كۈنى، كەچ

ئالدىنقى شېئىر:

كېيىنكى شېئىر:

شېئىرلىرىمىزنى ياقتۇرغان بولسىڭىز بېكىتىمىزگە مۇشتەرى بولۇپئەڭ يېڭى شىئىرلاردىن خەۋەردار بولۇڭ

سىزمۇ باھا يېزىپ بېقىڭ