بۇلبۇل بلوگى

0

لوتپۇللا مۇتەللىپ

226

تېخى بالا ئىدىم ئاققاندا قېنىم،
شىھىتلەر سىپىگە كەتتىم قېتىلىپ.
قاتقان قارچۇقۇمدا ئاداققىي قېنىم،
سۈبھىنىڭ تۇغلىرى كەتتى يىقىلىپ.

ئاتەشلىك قەلبىمگە پاتمىغان دۇنيا ،
خىيالچان تىلەك بۇلۇپ قۇيۇلۇپ چىقتى.
قايناق مىسرالىرىم ئەۋلاد ئالدىغا،
قېنىم ئۆركىشىدە يۇيۇلۇپ چىقتى.

ئۇيقۇسىز تۈنەكتە يىگىتلەر چەككەن،
ئاچچىق مۇخۇركىنىڭ ئىسىدا مەن بار.
ئوغلىنى قايتالماس يەرگە ئەۋەتكەن،
ئانىلارنىڭ تۇزلۇق يېشىدا مەن بار.

مەڭگۈلۈك سۈرگۈندە ياشايدۇ شائېر ،
شائىرنى ياشنىتار خورلۇقنىڭ دېغى.
يىتىشمەس قەلەمگە ئايلانسا ئورمان،
ھېچكىم يازالمىغان بىرسۆز بار تېخى.

ئالدىنقى شېئىر:

كېيىنكى شېئىر:

شېئىرلىرىمىزنى ياقتۇرغان بولسىڭىز بېكىتىمىزگە مۇشتەرى بولۇپئەڭ يېڭى شىئىرلاردىن خەۋەردار بولۇڭ

سىزمۇ باھا يېزىپ بېقىڭ