بۇلبۇل بلوگى

0

كۈز كېچىسى

250

زىنداننىڭ ئىچىدەك قاراڭغۇ كېچە…

ھۇۋلايدۇ ئىزغىرىن قۇترىغان بوران.

ئېگىلىپ دەرەخلەر، سۇنىدۇ شاخلار،

ئۇچىدۇ سارغايغان ياپراقلار ھەريان.

گۈركىرەپ ماشىنا، دىرىلدىدى تام،

ئاچقۇچە ئۈلگۈرمەي سۇندى دەرۋازا.

كىرىشتى باستۇرۇپ بىر توپ ”ئىسىيانچى“،

چىراغتا پاقىرار قالپاق ۋە نەيزە.

تىك تۇردى ئورنىدىن يېرىم كىيىنىپ،

بۇ دەھشەت ئالدىدا تېڭىرقاپ ھېيتەم.

دالاندا ئانىسى ياپراقتەك تىترەر،

يېنىدا ئېغىر بوي خوتۇنى پاتەم.

بىردەمدە ئۆيئىچى قىلىندى پايمال،

چېقىلدى ھەتتاكى گۈل تەشتەكلىرى.

تېگىپ مۇشت ھېيتەمنىڭ ئېغىز-بۇرنىغا،

بويالدى قىزىلغا يەڭ-ئېتەكلىرى.

دەھشەتكە چىدىماي ئېسىلدى پاتەم،

قوشۇلدى ھەم ئانا، كۆزلىرىدە ياش.

دېدى ئۇ:“بالىلىرىم، نېمە قىلىق بۇ،

ئەمەسمۇ ھەممىڭلار بىر دوست-قېرىنداش؟

گۇڭچەنداڭ ئەزاسى دەپ ماختاش ئۇنى،

دەيتتىڭلار ئەمەسمۇ ياخشى بىر يولداش.

شۇنچىلىك ئۆزگىرىپ كەتتىمۇ دۇنيا،

بۇ نېمە كارامەت، بۇ نېمە تالاش؟“

ۋە لېكىن باغلىشىپ ھېيتەمنى ئۇلار،

مېڭىشتى سۆرىشىپ پىسەنت قىلىشماي.

يېيىشتى ھېيتەمگە پاتەملەرمۇ تەڭ،

سۆرىلىپ ئۇلاردىن بىرمۇ قېلىشماي.

شۇ چاغدا بىر جاللات تەپتى پاتەمنى،

يىقىلدى ئۇ بېرىپ ئورەك ئىچىگە.

گۈرۈلدەپ ماشىنا ۋەھىمە بىلەن

دەھشەتنى ئون قىلىپ، قوشۇپ كېچىگە.

ئورەكتىن ئاڭلىنار يىغا ئاۋازى،

بىر مەسۇم بوۋاقنىڭ يېرىم جان ئۈنى.

كۆزى ياش، پەرىشان ئانا يۈگرەيدۇ،

بىر ياندا پاتەمنىڭ ئىڭرىغان ئۈنى…

زىنداننىڭ ئىچىدەك قاراڭغۇ كېچە

ئالەمگە يايماقتا دەھشەتلىك قانات.

نېمىكىن ئاقىۋەت، نېم بولار زامان؟

نېمە كۈن كۆرەركىن يەنە بۇ ھايات؟

1968-يىل 1-نويابىر، ئۈرۈمچى

ئالدىنقى شېئىر:

كېيىنكى شېئىر:

شېئىرلىرىمىزنى ياقتۇرغان بولسىڭىز بېكىتىمىزگە مۇشتەرى بولۇپئەڭ يېڭى شىئىرلاردىن خەۋەردار بولۇڭ

سىزمۇ باھا يېزىپ بېقىڭ