بۇلبۇل بلوگى

0

كۈنلەر

164
بولغايمۇ كۈنلەر كۆڭۈلدىكىدەك،
بىرى كۈلدۈرسە، بىرى يىغلىتار،
بىرى بېغىڭغا يامغۇرلار تۆكسە،
بىرى شېخىڭدىن غورا ئېغىتار.
قىيا باقمايدۇ ئارمانلىرىڭغا،
ئالماي نە ئامال بەرگەنلىرىنى؟
بىر قولىدا گۈل، بىرىدە قامچا،
تۇيماي قالىسەن كەلگەنلىرىنى.
ئەركىلەپ بولماس كۈنلەرگە شۇڭا،
ماختاپمۇ يۈرمەڭ ئالىقانلىرىنى.
كەتكەنلەر بىلەن ئەسلا كارى يوق،
سىناپ بارىدۇ قالغانلىرىنى.

ئالدىنقى شېئىر:

كېيىنكى شېئىر:

شېئىرلىرىمىزنى ياقتۇرغان بولسىڭىز بېكىتىمىزگە مۇشتەرى بولۇپئەڭ يېڭى شىئىرلاردىن خەۋەردار بولۇڭ

سىزمۇ باھا يېزىپ بېقىڭ