بۇلبۇل بلوگى

0

كۈنى چۈشىنىسەن

222

ئۇيقۇڭ قاچىدۇ كېچىلىرى، تاڭ بىر خىل ئاتاي دېمەيدۇ.

تىكىلەر كۆزلىرىڭ تورۇستىكى بىر نۇقتىغا،

سېنى ساراڭ قىلغان  شاۋقۇن باشلىنار يەنە قۇلاق تۈۋىڭدە

نە يوتقان ھالىڭغا يەتمەيدۇ  نە ياستۇق.

كىرمەيدۇ دەرىزىلەردىن سەن كۈتكەن ئۇ يورۇقلۇق.

ئۇنىڭ سەن ئۇنۇتالمىغان سىياقى،

تاماكىنى ئىچىڭگە تارتقاندەك تولار ئىچىڭگە.

كارىۋاتتا بېشىڭنى چۈمكەپ چارەسىزلىكىڭگەيىغلايسەن.

سۆيۈشنىڭ نېمىلىكىنى بىر كۈنى چۈشىنىپ يېتىسەن.

 

بىر كۈنى چۈشىنىسەن ئەسلىدە ھېچنىمىنىڭ كارغاكەلمەيدىغانلىقىنى.

شەرەپنىڭ، پەزىلەتنىڭ، ياخشىلىقنىڭ،گۈزەللىكنىڭ.

كۈن كىلەر ئاۋازىنى بىر قېتىملا ئاڭلىۋېلىش ئۈچۈن،

ئۇرىسەن بېشىڭنى سوغۇق تاش تاملارغا.

رەنجىشلىرىڭ، كۆڭلۈڭنىڭ يېرىم بولۇشلىرى بارغانسېرى كۆپىيىدۇ.

ئاڭلايسەن،

چارەسىز قېلىشنىڭ ئازابىنى ئەڭ تېرەنلەردىن.

سۆيۈشنىڭ نېمىلىكىنى بىر كۈنى چۈشىنىپ يېتىسەن.

 

بىر كۈنى چۈشىنىسەن نېمىگە يارايدىغانلىقىنى قوللىرىڭنىڭ.

نېمە ئۈچۈن يارىتىلغانلىقىنى.

بۇ نەس دۇنياغا نېمە ئۈچۈن كەلگەنلىكىنى.

ئۇزۇن-ئۇزۇن تاماشا قىلىسەن ئەينەكتە گۈزەللىكىڭنى.

بىكاردىن-بىكار ئۆتۈپ كېتىۋاتقان كۈنلىرىڭگە ئوت بولۇپ يانىسەن.

تولىدۇ كۆزلىرىڭ، ئىچىڭ ئېچىشىدۇ.

سۆيۈشنىڭ نېمىلىكىنى بىر كۈنى چۈشىنىپ يېتىسەن.

 

بىر كۈنى بىلىسەن تەمىنى سۆيۈلگەن لەۋلەرنىڭ.

سۆيۈلگەن كۆزلەرنىڭ ئېرىشكىلى بولمايدىغانلىقىنى.

ئۇ ھېچ كۈتۈلمىگەن سائەت كەلدىمۇ؟

چۈشەر چاچلىرىڭ ئالدىڭغا، ئەمما ئاپئاق.

سوزۇلىدۇ ئاسمانغا قوللىرىڭ.

ئەمما چارەسىز،

ئەمما ھارغىن،

ئەمما تۈگىشىپ.

بىر مەزگىل ئۆتكەن كۈنلەرنىڭ خىيالىغا چۆكىسەن.

ئاندىن تىزىلىدۇ بىر-بىرلەپ قاتار ئازاب.

سۆيۈشنىڭ نېمىلىكىنى بىر كۈنى چۈشىنىپ يېتىسەن.

 

بىر كۈنى بىلىسەن ئارمان قىلىشنى؛

كۈتۈشنى، ئۈمىت قىلىشنى.

بىر كىر كۆينەككە ئوخشاش سېلىپ تاشلىغۇڭ كېلىدۇ

پۈتۈن ۋۇجۇدۇڭنى چىرمىۋالغان ئۇ قورقۇنچلۇق كېچىنى.

لەنەت ئوقۇيسەن ياشىغىنىڭغا…

ئۆتمۈشتىن نېمە قالغان بولسا يىرتىپ تاشلايسەن.

شۇ چاغدا بىر گۈل ئۆسىدۇ قەبرەمدە،ئۆزلىكىدىن.

سېنى سۆيگەنلىكىمنى شۇ كۈنى چۈشىنىپ يېتىسەن.

 
* * * * * * *

ئاپتور: ئۈمىت ياشار ئوغۇزجان

تۈركچىدىن ئەنۋەر ھامىت تەرجىمىسى

* * * * * * *

ئالدىنقى شېئىر:

كېيىنكى شېئىر:

شېئىرلىرىمىزنى ياقتۇرغان بولسىڭىز بېكىتىمىزگە مۇشتەرى بولۇپئەڭ يېڭى شىئىرلاردىن خەۋەردار بولۇڭ

سىزمۇ باھا يېزىپ بېقىڭ