بۇلبۇل بلوگى

0

كۇچا يولىدا بىر تۈن

203

كۇچا يولىدا بىر تۈن،

ئاڭلىدىم بىر نازلى ئۈن.

تۈننىڭ تىلسىزلىقىدىن

كېلەتتى ئۇ يوشۇرۇن.

ئۈن كېلەتتى ئۇزاقتىن،

بەك ئۇزاق-ئۇزاقتىن.

يېرىپ تۈننىڭ باغرىنى،

ئۆتۈپ قارا توساقتىن.

ئۈن كېلەتتى تاغلاردىن،

بەلكى سولغۇن باغلاردىن.

كىم بىلۇر ئۇ قايغۇلۇق،

قەلبى قانلىق داغلاردىن.

ئۈن كېلەتتى نالىلە،

كىملەرنىڭدۇر زارىلە،

ئۇزاقلاردىن داۋالغۇپ،

مەسۇمانە ھالىلە.

قىزىقىپ سالدىم قۇلاق،

چېكىپ قەلبىم دەرد-پىراق.

دېدىم: ”ياردىن كەلدىمۇ؟“

ئالدىم جاۋاب بىر قۇچاق:

يار دېسەڭ، ياردىن كېلۇر،

بەلكى دۇتاردىن كېلۇر.

بەختى قارا ھەم تۇتقۇن،

كۆزى خۇماردىن كېلۇر.

مۇڭ دېسەڭ، مۇڭدىن كېلۇر،

مۇڭلۇق بىر تۈندىن كېلۇر.

تۈنگە تۇتقۇن مەسۈمە

ھەر يان بۇلۇڭدىن كېلۇر.

زار دېسەڭ، زاردىن كېلۇر،

بەختى تارماردىن كېلۇر.

مىڭ بىر يىگىت چىرىگەن

قانلىق دىۋاردىن كېلۇر.

دەرد دېسەڭ، دەردمەن ئۇنى،

بەلكى يىرتىق چەكمەن ئۈنى.

ياكى بىر ئېتىزدىكى

كۆزى ياشلىق كەتمەن ئۇنى…

تىندى ئۈن، تىندى ھاياجان،

تىندى گويا تەندە جان.

تىنمايىن يانغىن كۆڭۈل

تۈن بويى چەكتى پىغان.

1946-يىل 26-نويابىر، ئۈرۈمچى

ئالدىنقى شېئىر:

كېيىنكى شېئىر:

شېئىرلىرىمىزنى ياقتۇرغان بولسىڭىز بېكىتىمىزگە مۇشتەرى بولۇپئەڭ يېڭى شىئىرلاردىن خەۋەردار بولۇڭ

سىزمۇ باھا يېزىپ بېقىڭ