بۇلبۇل بلوگى

0

كۆزۈم كۆرمىسۇن 

213

كۆزۈم كۆرمىسۇن، كۆزۈم كۆرمىسۇن قاراڭغۇ كېچىدە
قاراڭغۇ كېچىدە كۆزۈم كۆرمىسۇن.
تام يوق، دېرىزە نە قىلسۇن قاراڭغۇدا
نۇر يوق، كۆلەڭگە يوق ھەم
يوق نەرسىلەرنى كۆزۈم كۆرمىسۇن.

قولۇمغا ئ‍ۇرۇنغىنى مەنمۇ قاراڭغۇدا
كۆرمىدىم، ئ‍ۇ مەن ئ‍ەمەس.
سۆيگۈ بار دېيىلسە، ئ‍ايرىلمىغۇچە ئ‍ىشەنمەيمەن
مېنىڭ قاراڭغۇدا كۆرمەيدىغان كۆزۈم روھقا ئ‍ايلانسا
يارنى كۆرسەم، بەلكى ئ‍ۇ ئ‍ەما بولۇشتۇر
بەلكى
ئ‍ەمالىقتۇر خۇدانى كۆرۈش…

شائىر ئ‍ۆلۈكتۇر
شېئىر يوق
نە قىلاي كۆرۈپ مەن دۇنيا پاتقان يورۇقنى؟
كۆزۈم كۆرمىسۇن، كۆزۈم كۆرمىسۇن مېنىڭ بۇ
يورۇق گۆردىكى قاراڭغۇلۇقنى.

2016- يىل 8- يانۋار

ئالدىنقى شېئىر:

كېيىنكى شېئىر:

شېئىرلىرىمىزنى ياقتۇرغان بولسىڭىز بېكىتىمىزگە مۇشتەرى بولۇپئەڭ يېڭى شىئىرلاردىن خەۋەردار بولۇڭ

سىزمۇ باھا يېزىپ بېقىڭ