بۇلبۇل بلوگى

0

كۆزلىرىڭدىن باشقا كۆز يوقتۇر

471

كۆزلىرىڭدىن باشقا كۆز يوقتۇر
مېنى ھاياتنىڭ قىسقىلىقىغا ئىشەندۈرىدىغان.
مىڭ ئۆلۈپ ئىككىمىڭ تىرىلىمەن
ئاشۇ كۆزلىرىڭ بىلەن دۇنياغا باقساڭ.

سېنى يۈرىكىم يوشۇرار
شېئىرلىرىم ئاشكارلار.
يېنىمدىن ئۆتكەن شاماللار
قۇلىكىڭغا شىۋىرلار
شاماللارنىڭ سۆزلىرىنى ئاڭلاپ قالمىسا دەيمەن
ئاڭلىماي قالمىسا دەيمەن.
ئىشقىلىپ شاماللار بىلدۈرەر ساڭا
بىر ئاشىقنىڭ دۇنياغا كەلگەنلىكىنى
بىر ھاكاۋۇر ئەبلەخنىڭ ئۆلگەنلىكىنى.

سەن سۆزلىسەڭ قانداق سۆزلەيسەن
سەن ئويلىساڭ قانداق ئويلايسەن
قوغلىغىنىم قوغلىغان سېنى
تۇتىۋېلىشىمدىن لېكىن غەم يەيمەن.

يېنىمغا كەلسەڭ ئەگەر بىر كۈنلەر
تۇيماي قېلىشىمنى تىلە تەڭرىدىن
سېنىڭ مەۋجۇت بولۇشۇڭ ئۈچۈن
مەۋجۇت بولۇشى كېرەكتۇر زېمىن.

ئالدىنقى شېئىر:

كېيىنكى شېئىر:

شېئىرلىرىمىزنى ياقتۇرغان بولسىڭىز بېكىتىمىزگە مۇشتەرى بولۇپئەڭ يېڭى شىئىرلاردىن خەۋەردار بولۇڭ

سىزمۇ باھا يېزىپ بېقىڭ