بۇلبۇل بلوگى

0

كۆيۈۋاتقان بۇغداي

232
مەن ئاشۇ قۇيرۇغلۇق يۇلتۇز ھەممىڭلار قاغىغان ،
قاراڭغۇ كائىناتتا نىشانسىز ، قارارسىز سەرگەردان .
سۆيگىن مېنى قىساسكارنىڭ قولىدىن بېرىپ قويغان ،
ئەڭ ئاخىرقى قىساس پۇرسىتىدەك .
مەن ئاشۇ كىشىمەن دەرەختىكى سايەم ئويۇپ ئېلىنغان،
ۋە شۇ كۈندىن باشلاپ ئۆلدى دەپ قارالغان.
سۆيگىن مېنى قىزىپ كەتكەن مېڭىسىدە تەلۋە قاتىلنىڭ،
پەيدا بولغان قالايمىقان خام خىيالىدەك.
مەن ئاشۇ بۇغدايمەن جەننەتمۇ ئوت بىلەن داغلاپ كۆيدۈرگەن،
تومۇزدىكى قوياش نۇرىمۇ مۇزلىتىپ تىترەتكەن.
سۆيگىن مېنى خارلىنىش كېسىلىگە گىرىپتار بولغاندەك.
غەيرى ئەقلىي كىشىلەرنىڭ قورشاۋىدا ئەقىلگە مەپتۇن بولغاندەك.
مەن ئاشۇ بۆرىمەن سۇغۇق يالتىرار ئۇستىخانلىرىم داخان ئايال قولىدا.
تارقىلىمەن ئەپسۇندەك تۇپراق، ھاۋا، يالقۇن ۋە سۇغا.
سۆيگىن مېنى كۈن بىلەن ئاي بىر سىزىقتا توغرا كېلىپ ھەمەل بۇرجىدا،
ئۇچراشسىمۇ ئالتىنجى دەرىجىدە، يۈز بەرمىگەن مۆجىزىلەردەك
(2004- يىلى يىل 25- ئاۋغۇست، ئۈرۈمچى)

ئالدىنقى شېئىر:

كېيىنكى شېئىر:

شېئىرلىرىمىزنى ياقتۇرغان بولسىڭىز بېكىتىمىزگە مۇشتەرى بولۇپئەڭ يېڭى شىئىرلاردىن خەۋەردار بولۇڭ

سىزمۇ باھا يېزىپ بېقىڭ