بۇلبۇل بلوگى

0

كۆيۈكنىڭ پۇرىقى

200

نۇرغۇن يىللار بۇرۇن
كىشىلەرنىڭ چۈشى بىلەن ئالاقىسىز بىر كېچىدە
مىۋىلىك دەرىخلىرى يوق كەنتنىڭ سىرتىدىكى
يانتاق چىچەكلىرى يوشۇرۇن ئېچىلىدىغان قۇملۇقتا
بىر قوتانغا ئوت كەتكەن
ناھايىتى كۆپ ئۆچكە تىرىك پېتى كۆيۈپ كەتكەن
ئەنسىز تاڭ سەھەردە
كەنتتىكى بىغەم ئادەملەر قوتانغا جان -جەھلى بىلەن
يۈگرەپ بېرىشىپ
كۆيۈپ ئۆچكەن ئوتنى كۆرۈپ ھاياجانلانغان
مالچى تۇدەك تاز ئۆزىنى كاچاتلاپ ھۆڭرەپ يىغلىغان
ئىككىلەنگەن كىشىلەر كۆيۈپ كەتكەن ئۆچكە گۆشىنىڭ
ھالال ياكى ھاراملىقىنى تالاش ـ تارتىش قىلىشقان
ئاچكۆز بالىلار ئۆچكىلەرنىڭ ئېتىلىپ چىققان بۆرەكلىرىنى
تىرىپ يېگەن
ئۇلارنىڭ ئارىسىدا مەنمۇ بار ئىدىم
ئوڭ قولۇمدا بىر سىقىم قۇم
سول قولۇمدا كۆيگەن بىر بۆرەك

شۇ قېتىمقى ئوت ئاپىتى
شۇنچە يىللاردىن بۇيان
دائىم چۈشۈمگە كىرىدۇ
ئاۋۋال
مەن كۆرمىگەن يالقۇن
ئۇنىڭ كەينىدە
ئۆچكىلەرنىڭ مەن ئاڭلىمىغان ئېچىنىشلىق مەرەشلىرى
ئۇنىڭمۇ كەينىدە
ئېتىلىپ كەتكەن قاپقارا بۆرەكلەر
لېكىن ھەممىدىن ئېنىقى ـ پۇراق
كۆيۈكنىڭ پۇرىقى
بۇ پۇراق مېڭەمنىڭ چوڭقۇر قېتىغا ئورناپ كەتكەن
خۇددى تەقدىرىم پىشانەمگە پۈتىلىپ كەتكەندەك
شۇنچە يىللاردىن بۇيان
ئوڭ قولۇمنى تولا ئاچتىم
ئالقىنىمدىكى قۇملار پۈتۈنلەي تۆكۈلۈپ بولدى
لېكىن ئاشۇ پۇراقنى تەسۋىرلەپ بولالـمىدىم
كىشىلەرگە ئۇ پۇراقنى بىر پۇراتسام دېدىم
شۇنداق قىلالىسام
شۇ پۇراقنى ئۇنتۇپ كېتەتتىم
شۇنداق قىلالىسام
ئاشۇ چۈشنى قايتا كۆرمەيتىم

ئاشۇ ئوتنى قويغان ئادەم
ئالتە ياشلىق مەن ياخشى كۆرىدىغان
يەتتە ياشلىق قىزنىڭ دادىسى ئىدى
بۇ ئىشنى تا ھازىرغىچە
شۇ قىز بىلەن ئىككىمىزدىن باشقا
ھېچكىم بىلـمەيدۇ
خۇددى يانتاق چېچىكىنىڭ ئېچىلغىنىنى
ھېچكىم كۆرۈپ باقمىغاندەك

2016 ـ يىلى 29 ـ يانۋار، ئۈرۈمچى

ئالدىنقى شېئىر:

كېيىنكى شېئىر:

شېئىرلىرىمىزنى ياقتۇرغان بولسىڭىز بېكىتىمىزگە مۇشتەرى بولۇپئەڭ يېڭى شىئىرلاردىن خەۋەردار بولۇڭ

سىزمۇ باھا يېزىپ بېقىڭ