بۇلبۇل بلوگى

0

كۆيدۈرسە ھىجران مەيلىمۇ

189

كەلمەك بولۇپ سەن كەلمىدىڭ، سۆز بولسا يالغان مەيلىمۇ؟
ۋەسلىڭگە ئىمكان بەرمىدىڭ، كۆيدۈرسە ھىجران مەيلىمۇ؟

كۆرمەي سېنى بىغەم ئىدىم، ئازادە، خاتىرجەم ئىدىم،
باغلاپ ئەقىدە مەن ساڭا بولسام پەرىشان مەيلىمۇ؟

ئىشقىڭ ئۇرۇق، كۆڭلۈم زىمىن، ئاھىم شامال، ياشىم يېغىن،
ئەيلەپ ئېكىننى پەرۋىرىش ئاچ قالسا دېھقان مەيلىمۇ؟

مەن ئەيمىنىپ گەپ ئاچمىغان، بۇ قىسسىنى سەن باشلىغان،
ئەپسۇس، تېخى پۈتمەي تۇرۇپ يىرتىلسا داستان مەيلىمۇ؟

كۈلگەن ئىدىڭ سەن گۈل بولۇپ، مەن سايرىغان بۇلبۇل بولۇپ،
بۇلبۇل كېتىپ قۇزغۇنغا جاي بولسا گۈلىستان مەيلىمۇ؟

ئالدانغىنىڭدىن تۈلكىگە، قويدۇڭ مېنى ھەم كۈلكىگە،
ئالدامچى يىرتقۇچ ئالدىدا خارلانسا ئىنسان مەيلىمۇ؟

مېھرىڭگە مەن لايىق ئىدىم، لەۋزىمگە چىن سادىق ئىدىم،
سادىقلىقىمدىن خارلىنىپ ئۆرتەنسە ۋىجدان مەيلىمۇ؟

تۆھمەتتە تەسۋىرلەپ مېنى، ئالدامچى ئازدۇردى سېنى،
بۇ ماڭا تۇرسا ئايان، يۈرسەم خىرامان مەيلىمۇ؟

كىم بار نادانلىقتىن ھايان تاپقان؟ چوقۇم تارتار زىيان،
سەن ئايرىلىپ دەسمايىدىن قىلساڭ پۇشايمان مەيلىمۇ؟

ئالدىنقى شېئىر:

كېيىنكى شېئىر:

شېئىرلىرىمىزنى ياقتۇرغان بولسىڭىز بېكىتىمىزگە مۇشتەرى بولۇپئەڭ يېڭى شىئىرلاردىن خەۋەردار بولۇڭ

سىزمۇ باھا يېزىپ بېقىڭ