بۇلبۇل بلوگى

0

كۆرۈنگەن تاغ يىراق ئەمەس

245

مەنزىلى مەقسەت ئۇزاق، تېز ماڭمىدى مىنگەن ئۇلاغ،
تاش قۇراملىقتا مېڭىپ، ئاسقاپ يامان بولدى ياداپ.

ئازغىنە بىر ئىستىراھەتنى قىلاي ھاسىل دېسەم،
ھېچ ئارام بەرمەس ماڭا تۆت تەرەپتىن ئىت قاۋاپ.

گاھى ئوخشارمەن مۇھىت ئاتلاسىدا بىر كېمىگە،
تاغ كەبى دولقۇن ئىچىدە خەس كەبى ھالىم خاراپ.

بىر چۆكۈپ بىر چىقىمەن، تۇنجۇقۇپ بىر تىنىمەن،
كۆزۈنەر ساھىل قاچان، دەپ كۆزلىرىم كەتتى قاماپ.

ھەققە باغلىدىم دىلىمنى، ئىشقا سالالماي تىلىمنى،
زوقلۇنۇپ سوقۇر يۈرەك، مىڭ پارە قىلسىمۇ چاناپ.

جان ئۆلۈم خەۋپىدە قالدى، كۆزلىرىمدىن ياندى ئوت،
ئۆلمىسەم غازى ئەگەر، ئۆلسەم شېھىتلەردىن ھېساپ.

ئېقى ئاق، قارىسى قارا، ھەرگىز ئاق بولماس قارا،
ئاجرىسۇن مىستىن تازا ئالتۇن كۆيۈپ ئوتتا چىداپ.

كۆرگۈلۈكنى كۆرگۈلۈك يا ئابدۇخالىق ئۆلگۈلۈك،
ئىككىنىڭ بىرىگە تۇرماق، ھەر جانغا بولسۇن شۇ خىتاپ.

1930-يىل

ئالدىنقى شېئىر:

كېيىنكى شېئىر:

شېئىرلىرىمىزنى ياقتۇرغان بولسىڭىز بېكىتىمىزگە مۇشتەرى بولۇپئەڭ يېڭى شىئىرلاردىن خەۋەردار بولۇڭ

سىزمۇ باھا يېزىپ بېقىڭ