بۇلبۇل بلوگى

0

كۆپۈنچە شۇنداق بولىدۇ

366

سەن مېنىڭ بولغانلىقىڭ ئۈچۈن سەندىن جۇدامەن
باشتىن ئاخىرى
سېنىڭ تىنىقىڭ
يۈزۈمگە ئۇرۇلۇۋاتقىنى
سېنىڭ قۇلۇڭ
قۇلۇمدىكى بوشلۇق
سېنىڭ لەۋلىرىڭ
لەۋلىرىمدىكى قۇملۇق.

ئەي بىر ئايال ۋە
تەلۋە خىيال
ھاياجانلىنىۋاتقان كېچە
ئۆلۈۋاتقان شامال.

ھاياتىم ياكى مۇھەببىتىم
گۈلدەك جەسەتلەر
مەندىن ساڭا سۇزۇلغان
يېزىلىپ يىرتىلغان خەتلەر
لېكىن ئۇنى ئوقۇۋالىدۇ
سېغىنىش دەرەخلىرى
ئاندىن يالىڭاچلىنىدۇ.

ھېچكىم بىلمىسە دەپ سۆيگەنىدىم،
بىلدى ھەممىسى
ئايرىلماسلىق ئۈچۈن خوشلاشقانىدىم
سېنى قايتۇرۇپ كەلدى تاماكا ئىسى.

كۆپۈنچە شۇنداق بولىدۇ
كۆڭۈل كۆڭۈلدىن قالىدۇ
بىز ئىككىمىز بىر يەردە تۇرۇپ
ئارىمىزغا قارلار ياغىدۇ.

شېئىرلىرىمىزنى ياقتۇرغان بولسىڭىز بېكىتىمىزگە مۇشتەرى بولۇپئەڭ يېڭى شىئىرلاردىن خەۋەردار بولۇڭ

سىزمۇ باھا يېزىپ بېقىڭ