بۇلبۇل بلوگى

0

كونا باغچەنىڭ خاتىرەسى

184

يېقىنىدا ئەمەسمەن غەزەبنىڭ

ئۇزىقىدىمۇ ئەمەسمەن تاساددىبىيلىقنىڭ

قىسقا پەيتىدىمەن

ۋە چەكسىزلىكنىڭمۇ ئارقىسىدا

ئاھ! غەزەب ئۈچۈن كېچىككەن ۋاقىتتىمەن

چۆلدىن چىقىش كېرەك بۇنىڭ ئۈچۈن،

ئاتلارنى دېڭىزغا ھەيدەش…

ھالبۇكى ھېچكىمدىن چىقارمىدىم ئاچچىغىمنى

چاچلىرىمنى ئۇزىتىش ئۈچۈن ھېچكىمگە

ۋەدە بەرمىدىم

ھېچكىمگە يېقىن ئەمەسمەن ئىشەن

سۈكۈتتىمەن، ئۇزاقتا ئەمەسمەن ئۇنتۇپ كېتىشتىن

ئاھ! غەزەب ئۈچۈن كېچىككەن ۋاقىتتىمەن

ئويلاپمۇ باقمىغان بىر يەردە

ئالدىمغا چىقىپ قالغان تاساددىبىيلىقتىمەن

خاتىرەسىدىمەن كونا باغچەنىڭ

مەست يۆگىمەچلەر شەكىللەندۈرگەن

بوغۇزىمنى كۆيدۈرگەن ئاچچىق بىر ئىماگدىمەن

قۇياشنى ياد ئېتىۋاتىمەن،

ۋە ئۇ يەردە تۇرماقتىمەن

لېكىن ئۇ يەردە يوقاۋاتىمەن

ئاھ، غەزەب ئۈچۈن كېچىككەن،

بەك كېچىككەن غەزەب ئۈچۈن

تۇرغۇن كۆلنى لېيىتىش كېرەك…

 

كۆلدە ئۇنۇتۇپ قالغانلىرىمىزنى بىئارام قىلماق!

ھالبۇكى كۆلنىڭ خاتىرەسى بار

ۋە ئۇ ئەسلەۋېتىپ ئۇنۇتۇلغاننى

ۋە چىرىپ ئۆزىگە تەۋە بولغاننى

ئاھ! غەزەب ئۈچۈن كېچىككەن

بەك كېچىكتى ئەمدى سەھرادا ئۇنۇتۇلغان ئاسمان ئۈچۈن.

 

مەن سېنى كۆپەيتتىم

مەن سېنى كۆپەيتتىم

سىرلىرىم ئازايدى مۇشۇنداق قىلىپ

 
* * * * * * *

ئاپتور: بىرخان كەسكىن

تۈركچىدىن ئەنۋەر ھامىت تەرجىمىسى

* * * * * * *

ئالدىنقى شېئىر:

كېيىنكى شېئىر:

شېئىرلىرىمىزنى ياقتۇرغان بولسىڭىز بېكىتىمىزگە مۇشتەرى بولۇپئەڭ يېڭى شىئىرلاردىن خەۋەردار بولۇڭ

سىزمۇ باھا يېزىپ بېقىڭ