بۇلبۇل بلوگى

0

كۆكسۈمدە كېچە

208

ئىچىمدە لىپمۇ-لىق كېچە
پاتماي چىڭدىلىدۇ، چىقىش يولى ئىزدەيدۇ
ئۇرىدۇ ئۆزىنى تەن زىندانىمنىڭ سېپىل تاملىرىغا
يۈرەكنى بېگىز چۇقانى بىلەن زىخلايدۇ تىنماي
كۆكسۈمدە كېچە

مەن ھوۋقۇشنىڭ كۆزىدە
دۇنيايىمغا زەن سالىمەن
تەن چوڭقۇرۇمدا كېچە قۇشلىرى
قانات يۇلۇپ، قان-ياشلىق سايرايدۇ
گۈل ئاشىقى بۇلبۇلدەك ئاي-ھاي
كۆكسۈمدە كېچە

تېشىمدىكى كېچىلەر
ساداسىدۇر ئىچىمدىكى كېچىنىڭ
ئىچىمدىكى شۇ قۇشلار
جاراھەت دەرىخىمنىڭ شېخىدا
مېۋىلەردۇر مەي بولغان
كۆكسۈمدە كېچە

ئۆلۈمنىڭ ئوتلۇق ماتكىسىدا كېچلەر
ئېرىيدۇ، توزۇيدۇ يوقىلىپ ئۆزى
ئۆلىدۇ ۋە لېكىن تۇرار توغۇلۇپ
ئۆلمەس سۇمرۇغ ئۇۋىسى يۈرەك
تۇخۇملايدۇ، يارىلىدۇ قايتىدىن
كۆكسۈمدە كېچە

ئالدىنقى شېئىر:

كېيىنكى شېئىر:

شېئىرلىرىمىزنى ياقتۇرغان بولسىڭىز بېكىتىمىزگە مۇشتەرى بولۇپئەڭ يېڭى شىئىرلاردىن خەۋەردار بولۇڭ

سىزمۇ باھا يېزىپ بېقىڭ