بۇلبۇل بلوگى

0

كىشەن

187

كىشەننىڭ تۈرى كۆپ، سۈرىمۇ يامان،

بازغاندىن قورقىدۇ ئەمما ھامىنى.

ۋە لېكىن كۆرۈنمەس بىر كىشەن باركى،

ھەرقانداق كىشەندىن شۇدۇر يامىنى.

ئۇ قولدا بولمايدۇ يا پۇتتا ئەمەس،

چىرىيدۇ قەلب ئۇنىڭ كاساپىتىدىن.

خۇدايىم ساقلىسۇن ھەر بەندىسىنى

ئاشۇنداق كىشەننىڭ ئاسارىتىدىن.

1948-يىلى، ئۈرۈمچى

ئالدىنقى شېئىر:

كېيىنكى شېئىر:

شېئىرلىرىمىزنى ياقتۇرغان بولسىڭىز بېكىتىمىزگە مۇشتەرى بولۇپئەڭ يېڭى شىئىرلاردىن خەۋەردار بولۇڭ

سىزمۇ باھا يېزىپ بېقىڭ