بۇلبۇل بلوگى

0

كىچىك ئىشلار يۈز بېرىدىغان كېچە بۇ

284

 

كىچىك ئىشلار يۈز بېرىدىغان كېچە بۇ،

مەسىلەن، بەزى قىزلار يالغۇز قالىدۇ

كىمنىدۇر سېغىنىدۇ ۋە ئۆزى ئاڭلىغۇدەك ھالدا ئىسمىنى توۋلايدۇ

چاچلىرىدىن بىر نەچچە تال يۇلۇپ

ئاخىرى ئۆزىنىڭ بىر ئايال ئىكەنلىكىنى تونۇپ

ئۇخلاپ قالىدۇ، دەپ گىپىمنى تۈگىتىمەن؛

بەزى ئەرلەر دېرىزىنى ئۇلۇغ ئاچىدۇ

دىققىتىنى يىغقانسېرى ئاڭلىيالمايدۇ

ئۆينى ئۆيگە ئەكىرىۋالىدۇ

تالانى بىر پىيالە چاي، دەپ ئويلىۋالىدۇ ئارقىدىن

ئۇنى تۆكۈۋېتىدۇ،

بىراق چاي قۇيۇلغان پىيالە

ھەممىدىن بىخەۋەر

بىر كىمنىڭ قولى تىگىشتىن بۇرۇن چېقىلىپ كېتەر،

بىر دەريا سۇدەك يېيىلىپ

ئۈژمە ياغىچىدەك ئۇخلاپ قالار ئەر؛

ئەمدى بىر ئايال ۋە بىر ئەرگە كەلدى،

ئايالنى بېسىۋالغان يوتقان بىلەن

ئەرنى قىياس قىلىمىز،

ئەر خالىغىنى سەۋەبلىك مەغلۇپ بولىدۇ

ئايال خالىغىنى سەۋەبلىك مەغلۇپ قىلىپ

كەلمەيدىغان دۈشمەنلەرنى كۈتۈپ ئۇخلاپ قالىدۇ،

ئەر بىر تال تاماكا چېكەر

ياكى كىتابتىن بىر باب ئوقار

ياكى بۇ جەڭنى ئۇنتۇپ كېتىش ئۈچۈن

يېقىنلاپ قالغان تاڭنى خىيال قىلار.

 

سول قاپىقىمنىڭ ئۈزلۈكسىز تارتىۋاتقانلىقىدىن باشقا

مۇشۇ كېچىنى بىلىمەن.

ئەگەر مەندە قول بولسا

ئۇنى ھازىر قول دېگىلى بولماس

ئەگەر مەندە پۇت بولسا

ئۇ مېڭىۋاتقاندۇر – مېڭىۋاتقاندۇر

لېكىن قىردىن ئاشالماس.

ئالدىنقى شېئىر:

كېيىنكى شېئىر:

شېئىرلىرىمىزنى ياقتۇرغان بولسىڭىز بېكىتىمىزگە مۇشتەرى بولۇپئەڭ يېڭى شىئىرلاردىن خەۋەردار بولۇڭ

سىزمۇ باھا يېزىپ بېقىڭ