بۇلبۇل بلوگى

0

كېسىلگەن توغراق

290

ئەكەلدىم بازاردىن بىر ھارۋا ئوتۇن ،

قار-مۇزلار ئىلكىدە قالغاندا جاھان .

سوغۇقتا بىرىدۇ قۇياش تەپتىنى ،

مەش ئوتى –ئالتۇن رەڭ چېچەكلەيدىغان .

ئوتۇننى رەتلىدىم ۋە بايقىدىمكى ،

ھەممىسى قۇرۇق شاخ ئەمەسكەن بىراق .

شاخلارنىڭ ئىچىدە بار ئىدى بىر تۇپ –

ياش ۋە ھول ،يىڭىلا كېسىلگەن توغراق ،

ئۇ مىنىڭ ئالدىمدا ياتاتتى جانسىز ،

ئولۇم ئازابىدىن ئاچچىق تولغۇنۇپ .

ئانارنىڭ سۇيىدەك قانلىق كۆز يىشى ،

كېسىلگەن جايىدا قاپتۇ مۇز بولۇپ .

مەن غالىپ ۋاقىتقا باغلىدىم ئىشەنىچ ،

ۋاقىت ھەل قىلىدۇ كوپ مۇشكۇلاتنى .

ئۇ ياشنى قىرىتىپ ،ھولنى قۇرۇتۇپ ،

كۆيگۇدەك قىلىدۇ سانسىز ھاياتنى .

ھول توغراق ھويلامدا ياتتى قىش بويى ،

قەھرىتان سوغۇقلار مۇزلاتتى ئۇنى .

قىش ئۆتتى ۋە ئۇنى قويدى زەربىدە ،

باھارنىڭ بورانلىق جۇدۇن –چاپقۇنى .

ياز كىلىپ باشلاندى ئىسسىق كۇنلەرمۇ ،

بۇ توغراق ئاپتاپتا ياتتى ھالسىراپ .

ئويلۇدۇم ،ھۆللىكى يوقالدى بەلكى ،

ئاپتاپ ۋە شامالدا قۇرۇپ –قاغجىراپ .

لىكىن كىم ئويلاپتۇ ؟مەن ھەيران قالدىم ،

توغراقنىڭ ئاداققى ،مەغرۇر ئىشىدىن .

تومۇزدا نوتىلار چىقتى بىخ سۇرۇپ ،

ئۇنىڭ غول ۋە كېسىك بېغىشلىرىدىن .

دۇنياغا كوز ئاچقان بۇ يىڭى بىخلار ،

كېسىلگەن توغراقتىن تاپقان ئىدى جان .

نۇرلىنىپ تۇراتتى ئۇلار ياپ –يىشىل ،

باھاردا ئويغانغان مايسىدەك يۇمران .

ۋە ھەممە ھاياتلىق بوغۇنلىرىدەك ،

كوزگە تاشلىناتتى بۇدرۇق ھەم ئوماق .

سەبى بىر نەزىردە بىقىپ جاھانغا ،

كۇلەتتى بۆشۇكتە كۇلگەندەك بوۋاق .

تۇغۇلغان بۇ بىخلار ئاپتاپ قوينىدا ،

تەلپۇنۇپ تۇراتتى ئەركە ھەم ئويناق .

قەيسەر بىر ھاياتنىڭ ئولمەس كۇچىنى ،

نامايەن قىلاتتى كىسىلگەن توغراق .

بىلدىمكى ،جاڭگالنىڭ بۇ نەۋقىرانى ،

تېخى تىز پۇكمىگەن ئولۇم ئالدىدا .

ئۆلمىگەن ،ئۆتسىمۇ شۇنچە ۋاقىتلار ،

ئانا يىلتىزىدىن بولسىمۇ جۇدا .

ئويغاتتى پىكرىمنى قايناق كۇچ بىلەن ،

كىسىلگەن توغراقتا ياشنىغان نىھال .

توغراقنىڭ تەقدىرى توغىرلىق مەندە ،

قوزغالدى ئىلھاملىق ،ئەركىن بىر خىيال .

ئويلۇدۇم: مىتالنىڭ قاتتىقى پولات ،

تاۋلىنىپ چىقىدۇ يالقۇنلۇق ئوتتا .

قارغاينىڭ قامىتى ۋە يىشىللىقى ،

دۇنياغا كىلىدۇ قاتتىق سوغۇقتا .

شۇ كەبى توغراقنىڭ تەبىئىيتىنى ،

تاۋلىغان جاڭگالنىڭ جەۋرۇ –جاپاسى .

بوستانلار ماكانى ئەمەس ئۇنىڭكى ،

ۋەتىنى بىپايان قۇملار دۇنياسى .

ئۇ ئانا تۇپراقتىن تىپىپ ھاياتلىق ،

كەڭ چۆللەر باغرىدا ئوسەر تۇغۇلۇپ .

بىر زامان دەريالار ئاققان ئىزلاردا ،

ياشايدۇ باراقسان بىر ئورمان بولۇپ .

ياز پەسلى ئالىدۇ ئۇنى قوينىغا ،

قۇياشنىڭ يالقۇنى، چۆل بورانلىرى .

قىش كۇنى سوقىدۇ ئۇرۇپ ئاياۋسىز ،

تىنىمسىز جەزىرە شىۋىرغانلىرى .

دەريالار قىلمايدۇ ئاڭا غەمخورلۇق ،

ۋە ھىچكىم چۆل ئارا سۇزارماس ئۇنى .

ئېسىگە يەتكەندە يوقلايدۇ پەقەت ،

ياز كەلكۇنلىرىنىڭ قىسقا تاشقىنى .

لېكىن ئۇ بەك ئۇزاق ئەسىرلەر بويى ،

ئۆسمەكتە چۆللەردە يامراپ ھەر ياققا ،

ئۇزلۇكسىز كۆپەيتىپ يېشىل نەسلىنى .

دەھشەتلىك زەربىلەر ،ياۋايى ئىقلىم ،

يوق قىلىپ كىتەلمەس دۇنيادىن ئۇنى .

ئۇ ھامان ئوسىدۇ ،بېسىپ كەلسىمۇ

ئېقىندەك ئۆركەشلىك قۇملار دولقۇنى.

كېسىلگەن ،تاشلاندۇق بىر ھالەتتىمۇ ،

ئۇ مانا مۇشۇنداق گۇللەيدۇ يەنە .

يېشىل بىخ سۇرۇدۇ خۇددى تىرىكتەك ،

ھاياتى كۇچىنى قىلىپ تەنتەنە .

ئۇنىڭ بۇ ئاجايىپ گۇللەشلىرىدە ،

يارىدار جەڭچىنىڭ كۇلۇشلىرى بار .

ئولىمى ئالدىدىن ئاخىرقى قىتىم ،

قىلىچقا تايىنىپ يۇرۇشلى بار .

ئۇ گويا ھاۋادا ئوق يىگەن لاچىن ،

بۇلۇتلار باغرىدا ياڭرىتار سادا .

ئۇ گويا زۇلمەتتە ئوچكەن بىر يۇلتۇز ،

نۇرلانغان ئاخىرقى مىنۇتلىرىدا .

مەن ئاڭا تىكىلدىم مۇھەببەت بىلەن ،

تۇغۇلدى قەلبىمدە مەغرۇر بىر قوشاق .

ئۆلمەس بىر خەلىقنىڭ تىمسالى بولۇپ ،

كۇرۇندى كۆزۇمگە كىسىلگەن توغراق .

1967-يىلى 7-ئاي (كورلا )

ئالدىنقى شېئىر:

كېيىنكى شېئىر:

شېئىرلىرىمىزنى ياقتۇرغان بولسىڭىز بېكىتىمىزگە مۇشتەرى بولۇپئەڭ يېڭى شىئىرلاردىن خەۋەردار بولۇڭ

سىزمۇ باھا يېزىپ بېقىڭ