بۇلبۇل بلوگى

0

كېرەك بولسا

226

كۆيۈكنى دىلغا جا ئەيلە، ساڭا دىلدار كېرەك بولسا،

ۋاپا لەۋزىنى ۋىجدان بىل، ۋاپادار يار كېرەك بولسا.

ناۋاكەش بۇلبۇلى شەيدا كەبى باغرىڭنى قان ئەيلە،

مۇراد-مەقسەت گۈلى كۈلگەن گۈلى گۈلزار كېرەك بولسا.

تىكەننىڭ رەنجىدىن قورققان كىرەلمەس بۇ چىمەن ئىچرە،

جاپانى جانغا راھەت بىل، ساڭا دىدار كېرەك بولسا.

جاپا مەڭگۈ ئەمەس ھەرگىز ئەقىدە ساقلىسا ئاشىق،

ئۈمىدنى رەھنەما قىلغىن، ئەگەر سەردار كېرەك بولسا.

كۆرۈڭ، بۇلبۇل كېچە يىغلاپ تاڭ ئاتتى، گۈل يۈزىن كۆردى،

بۇنىڭدىن ياخشى ئۆرنەك يوق، يەنە بىسىيار كېرەك بولسا.

لېكىن دوراش بىلەن تۇتى بولالماس ھېچقاچان بۇلبۇل،

ئېلىڭ بۇ تۈندىن ئىبرەت، نومۇسۇ ئار كېرەك بولسا.

جۇنۇن سەھراسى گەر چەكسىز، ھەقىقەت مەنزىلى روشەن،

ئېلىڭنىڭ ئىشقىنى كۈيلە، ساڭا ئەشئار كېرەك بولسا.

1977-يىل 8-ئاۋغۇست، ئۈرۈمچى

ئالدىنقى شېئىر:

كېيىنكى شېئىر:

شېئىرلىرىمىزنى ياقتۇرغان بولسىڭىز بېكىتىمىزگە مۇشتەرى بولۇپئەڭ يېڭى شىئىرلاردىن خەۋەردار بولۇڭ

سىزمۇ باھا يېزىپ بېقىڭ