بۇلبۇل بلوگى

0

كېپىنەكلەر

220

تۇغۇلۇشتىن مەن شورلۇقنىڭ باغرى قان،
بىر جىسمىمنى تالىشىدۇ ئىككى جان.
مەن قىينالسام، ئۇچۇپ يۈرەر بېشىمدا،
كېپىنەكلەر ئادەملەردىن مېھرىبان.
ئاق قاشلىقىم ئاق يامغۇردا ئۇچىدۇ،
سەھەرلەردە گۈلدىن شاراب ئىچىدۇ،
تاللىماستىن قەبرىلەرنى قۇچىدۇ،
كېپىنەكلەر ئادەملەردىن مېھرىبان.
گۈلگە قونسا قاناتلىرى پاتمايدۇ،
ئاجىزلىرىم بىراۋغا تاش ئاتمايدۇ،
بىر كۈن ياشار، بىر-بىرىنى ساتمايدۇ،
كېپىنەكلەر ئادەملەردىن مېھرىبان.
بىر قارىساڭ، نە ساتمىسى، ئۆيى يوق،
نە تاۋۇشى، نە ناخشىسى، كۈيى يوق،
كېپىنەكنىڭ كەمبەغەلى، بېيى يوق،
كېپىنەكلەر ئادەملەردىن مېھرىبان.
*
كېپىنەكلەر كەئبەسىدۇر كەڭ دالا،
دالىسىدا مېھىر تولا، نۇر تولا،
كۈلپەت كەلسە، ھەممىسىگە تەڭ بالا،
كېپىنەكلەر ئادەملەردىن مېھرىبان.
*
ئايدىڭ ئاخشام ئەسكە چۈشكەن ئاھ، مەلەك،
سېنى ئويلاپ بولدى يەنە قان يۈرەك،
”سۆيىمەن“ دەپ ئالدىمايدۇ كېپىنەك،
كېپىنەكلەر ئادەملەردىن مېھرىبان.
*
مۇھەممەدكە ئىشەنگەن ئەي ئىنسانلار،
ئۆلسەم، سۆزۈم ئەسلەپ ئويغا چۆمۈڭلار،
كېپىنەكنىڭ قانىتىغا كۆمۈڭلار،
كېپىنەكلەر ئادەملەردىن مېھرىبان.
* * * * * * *

ئاپتورى: مۇھەممەد يۈسۈف

— سېۋەرە نەزەرخان كۈيلىگەن.
— مەھمۇدجان خوجا ئۈمىدۋار ئۇيغۇرچىلاشتۇرغان.

* * * * * * *

ئالدىنقى شېئىر:

كېيىنكى شېئىر:

شېئىرلىرىمىزنى ياقتۇرغان بولسىڭىز بېكىتىمىزگە مۇشتەرى بولۇپئەڭ يېڭى شىئىرلاردىن خەۋەردار بولۇڭ

سىزمۇ باھا يېزىپ بېقىڭ