بۇلبۇل بلوگى

0

كېڭەش

194

ئەي ئەزىزىم، سال قۇلاق،

كېڭەش بېرەي بىر قۇچاق.

كېڭىشىم يېقىپ قالسا،

بولسۇن ساڭا بىر ساۋاق.

قاراڭغۇدا دوست تۇتما،

دوست تۇتساڭمۇ قول تۇتما.

قاراڭغۇدا تېپىشقان

”دوستۇڭ“ بىلەن يول تۇتما.

سوقمىسى يوق باغچىگە،

ساقچىسى يوق غۇنچىگە،

قول ئۇزارتما ئالدىراپ

چىنىسى يوق تەكچىگە.

تىكەنلىكتىن گۈل ئۈزمە،

نادان بىلەن گۈل تىزما.

كۆڭلى قىش بىركمىسىگە

دوستلۇق قىلىپ گۈل تۇتما.

گۈل قەدرىنى نە بىلسۇن،

قىشتا باھار نە قىلسۇن.

قېنى قاچقان يۈرەكتە

گۈلگە خۇمار نە قىلسۇن.

كېڭەش دىلنىڭ دورىسى،

بەلكى ئۇنىڭ دورغىسى.

پىشماي ئۈششۈپ كەتمىسۇن

ھاياتىڭنىڭ غورىسى.

ئالدىنقى شېئىر:

كېيىنكى شېئىر:

شېئىرلىرىمىزنى ياقتۇرغان بولسىڭىز بېكىتىمىزگە مۇشتەرى بولۇپئەڭ يېڭى شىئىرلاردىن خەۋەردار بولۇڭ

سىزمۇ باھا يېزىپ بېقىڭ