بۇلبۇل بلوگى

0

كەلتۈر(غەزەل)

216

كىشى كۆڭلى ئەزىز بولمىش،ئەزىزلەپ بىر ناۋا كەلتۈر،
ناۋا كەلتۈر،يەنە دەردلىك كۆڭۈللەرگە داۋا كەلتۈر.
مۇقامىڭ ئەيلىگەي مەمنۇن،بىھۇش ئەيلەپ تۈمەن دىلنى،
ئاۋازىڭدىن باھار سۈبھىسىدەك ئىللىق ھاۋا كەلتۈر.
زىلال سۇ قەدىرنى باغۇ چىمەندىن ئۆزگىسى بىلمەس،
سېنىڭ قەدرىڭنى باغۇ چىمەندىن ئۆزگىسى بىلمەس،
سېنىڭ قەدرىڭنى بىلگەننى قەدىرلەر،مىڭ ۋاپا كەلتۈر.
ئەجىرسىزگە قىيا باقماس بۇ ئالەم ھۆكمىدە ئامەت،
ھالال رىزقىڭ ئۈچۈن تەر تۆك پايانسىز گۈل دالا كەلتۈر.
ساتارىڭ تارى چىللايدۇ ئىشىق قوۋمىنى چۆرەككە،
كۈيۈڭگە ئاشىنا گويا يېنىڭغا دىلرەبا كەلتۈر.
چۈچۈپ ئويغانسا غاپىللار سۆيۈنگەيكىم ساڭا تەھقىق،
تېخى غەرق ئۇيقۇسىدا ياتقان گۈلۈڭگە بىر سابا كەلتۈر.
مېنىڭ مەي ئىچكىنىم ئىچكەن ساتارىڭدىن سادا ئۆچسە،
مېنى بولمىسا ئۆلتۈگۈڭ،ساتارىڭدىن سادا كەلتۈر.
گۈلۈمنى سېغىنىپ قالدىم،سابا ئۇچماي ھىدى كەلمەس،
تۇرارغا تاڭ مەھەل بولسۇن،ماڭا سەن بىر سابا كەلتۈر.

ئالدىنقى شېئىر:

كېيىنكى شېئىر:

شېئىرلىرىمىزنى ياقتۇرغان بولسىڭىز بېكىتىمىزگە مۇشتەرى بولۇپئەڭ يېڭى شىئىرلاردىن خەۋەردار بولۇڭ

سىزمۇ باھا يېزىپ بېقىڭ