بۇلبۇل بلوگى

0

كېلىنچەك

218

ئارزۇلىرىمىز بار ئىدى گۈلدەك چىرايلىق

كەلگۈسىدە رېئاللىققا ئايلىنىدىغان خىياللىرىمىز

ھېچكىمنى سىغدۇرمايتتى باغرىغا

باش قويۇپ تەسكىن تاپاتتى غەمكىن كۈزلەر

بالىلىقتىكى شادلىقلارنى ئەسلىتىپ ئازابلىق

ۋە چارىسىز رېئاللىقنى ئۇنتۇلدۇراتتى

ئۇچرىشىشلار

 

قاتتىق يامغۇر ياغقان كۈنى تەمتىرەپ

باشلاندى يېپيېڭى ناتونۇش سەپەر

ھەر كۈنى ئېچىلغان گۈلگە ئوخشاش

ھەر كۈنى تۇغۇلاتتى يېڭى بىر سوئال

بوسۇغىدىن ئاتلىغىنىڭدا بۇنچىلىك چىرايلىق ئىكەنلىكىڭنى

ئولتۇرۇشىڭنىڭ بۇنچىلىك مۇلايىملىقىنى، قارىغىنىڭدا كۆزلىرىڭنىڭ

يۈرىكىمنى ئەزگۈدەك مەيۈسلىكىنى ۋە خاتىرجەم چاقنىغىنىنى

بىلگەن بولغىيمىدىم؟

ئالدىنقى شېئىر:

كېيىنكى شېئىر:

شېئىرلىرىمىزنى ياقتۇرغان بولسىڭىز بېكىتىمىزگە مۇشتەرى بولۇپئەڭ يېڭى شىئىرلاردىن خەۋەردار بولۇڭ

سىزمۇ باھا يېزىپ بېقىڭ