بۇلبۇل بلوگى

0

«كېلىدۇ» دېگەن تىلىم قۇرىسۇن

212

 

 

سېنى كېلىدۇ دېگەن بولسام

«كېلىدۇ» دېگەن تىلىم قۇرىسۇن

«كېلىدۇ» دېگەن سۆز تاماكا كۈيەندىسىدەك

ئەخلەت چىلىكىگە تاشلانسۇن

«كېلىدۇ» دېگەن سۆزنى قىلچە ئۇيالماي لېۋىمگە ئۇزاتقان

ۋە سېنى سۆيىدىغانلىقى سەۋەبلىك سوقۇۋاتقان ئۈمىدلىك يۈرەك

ئېتىراپ قىلسۇن مېنىڭ ئەمەسلىكىنى

ئېتىراپ قىلسۇن مۇھەببەت

بىزدىن بۇرۇن ئۆلگەنلىكىنى

 

مەن ئېتىراپ قىلغان ھەقىقەت ئارا

سېنىڭ مېنى سۆيىدىغانلىقىڭ ھەققىدىكى ھەقىقەت يوق

مەن ئۇنى «بار ئىدى» دېيەلمىسەممۇ

ئىشەندىم،باشقىسىنى يوشۇرۇپ تۇرۇپ.

 

ئەمدى ئۇ ناخشىغا سالمايمەن قۇلاق

كېتىمەن ۋاقىتتەك كەينىمگە باقماي

رەقىبىمگە ئايلىنار ئەگەر

سېغىندۇرسا سېنى يۇلتۇز ئاي.

يالغۇزلۇق تۈرمىسىدىن قېچىپ چىقىمەن

بارىمەن يېنىڭغا ھەممىنى تاشلاپ.

سېنى ئەپ كېلىمەن ئۆلۈمىم كەبى

ئاندىن بۇ يۈرەككە بېرىمەن جاۋاب:

مەن ئۇنى سۆيىمەن، سۆيگەن سەۋەبلىك

كۈتۈش دېگەن  غايەت زور تامنى

ئاخىرى بىر يولى تاشلىدىم چېقىپ.

ئۇ بىر ئايال بولدى يېنىمدىكى

خىياللىرىمدىكى تۈرمىدىن چىقىپ

 

ئالدىنقى شېئىر:

كېيىنكى شېئىر:

شېئىرلىرىمىزنى ياقتۇرغان بولسىڭىز بېكىتىمىزگە مۇشتەرى بولۇپئەڭ يېڭى شىئىرلاردىن خەۋەردار بولۇڭ

سىزمۇ باھا يېزىپ بېقىڭ