بۇلبۇل بلوگى

0

كەل-كەل سابا

197

تاقىتىم تاق بولدى، كەل- كەل ئەي سابا كۆپ قىينىما،

كەل، جېنىم بولسۇن يولۇڭغا بورىيا كۆپ قىينىما.

تاشلىدىڭ، كەتتىڭ بېغىمدىن تۇرنىدەك پەرۋاز بىلەن،

تۇرنىلارمۇ قايتتىغۇ، كەل بىۋاپا، كۆپ قىينىما!…

مەن نىتەي سەندەك قاناتىم بولمىسا تاغ ئاشقىلى،

بىلمىدىڭمۇ بىر ئەسىرمەن،  دىلرەبا،  كۆپ قىينىما.

ھېچ ئەسىر مەندەك قارا قىسمەتكە بولماس مۇپتىلا،

پۇت-قولۇم زەنجىردە، تىل سۆزدىن جۇدا، كۆپ قىينىما.

باغلىسا پەرھاتنى خىسراۋ، ئاغزىنى بوققان ئەمەس،

مەن ئۈچۈن ئىسمىڭنى ئېيتماقمۇ گۇناھ، كۆپ قىينىما.

كەزسىمۇ چۆللەردە مەجنۇن ئاھلىرى ئازاد ئىدى،

كاشكى بولسا شۇ بايابان كەڭ دالا كۆپ قىينىما.

كەل سابا، كەل-كەل سابا، يەتتى مۇرۇۋەتنىڭ چېغى،

بولمىغاي زۇلمەتتە ئەل جاندىن جۇدا، كۆپ قىينىما.

ئالدىنقى شېئىر:

كېيىنكى شېئىر:

شېئىرلىرىمىزنى ياقتۇرغان بولسىڭىز بېكىتىمىزگە مۇشتەرى بولۇپئەڭ يېڭى شىئىرلاردىن خەۋەردار بولۇڭ

سىزمۇ باھا يېزىپ بېقىڭ