بۇلبۇل بلوگى

0

كەل جېنىم

191

كەل جېنىم ،
يامغۇر سۈيىگە يېشىمنى قوشۇپ
چاي دەملىدىم .

كەل جېنىم ،
قالغاچمۇ كەلدى .
ئەتە -ئۆگۈن
چېچەكلەر غورا بولاي دەيدۇ،
توپىلار لاي بولاي دەيدۇ ،
تالمۇ يىغلاپ
سانجاق-سانجاق نۇر بولاي دەيدۇ .

كەل جېنىم ،
تولۇن ئايدەك پىيالەم
لىغىرلايدۇ قولۇمدا .
مەن كۆيىمەن بىمالال
سەن بولغاچقا جېنىمدا.

كەل جېنىم،
شامال چىقسا
يەردىكى چېچەكلەر نى تەرمەيدۇ ھىچكىم ،
سەنمۇ مېنى سېغىندىڭ بەلكىم…..

يەر يۇمشىدى سېنىڭ كۆڭلۈڭدەك ،
پىژ-پىژ قىلىپ كۆيمەكتە ئاپتاپ .
ئېتىزلىقىم بولغان بولسىدى ،
كۆك تىرەتتىم ساڭىلا ئاتاپ .

كەل جېنىم ،
گۈللۈرۈممۇ شۇنچە خۇشپۇراق ،
ئاسمىنىڭدا لەيلەيدۇ پىراق .

شامالنىڭ ئېرىمۇ كۈنلىكچى ئىمىش ،
گۈللەر
دەرەخلەر
يىگىتلەر
كېرىلگەچكە ئۇنىڭغا قاراپ .
لېكىن، مەن ـ
كۈنلىمىدىم سېنى شامالدىن .
كەچۈر مېنىڭ ساراڭلىقىمنى ،
چاچلىرىمنى يەلپۈگەن پېتى
سۆيۈپ ئۆتسۇن سېنىڭ يۈزۈڭنى…

كەل جېنىم ،
ئوت قالىدىم .
نان جىگدىسى كۆمۈپ بىرىمەن،
قوقاس ئىچىدىن
ئۆز قولۇمدا
پۈۋلەپ تۇرۇپ ئېلىپ بىرىمەن!

ئۈگرە ئىتىپ بەرگۈم بولسىمۇ ،
گۈرۈچتەك قايناپ كۈلگۈم بولسىمۇ ،
جىگدە ئوتۇنىدەك كۆيگۈم بولسىمۇ…
يول ئارىسى يۈرەكنى ئىزەر ،
دەردىمىزنى بىر ئاللاھ سىزەر .
كەل جېنىم….

ئالدىنقى شېئىر:

كېيىنكى شېئىر:

شېئىرلىرىمىزنى ياقتۇرغان بولسىڭىز بېكىتىمىزگە مۇشتەرى بولۇپئەڭ يېڭى شىئىرلاردىن خەۋەردار بولۇڭ

سىزمۇ باھا يېزىپ بېقىڭ