بۇلبۇل بلوگى

0

كەچۈر ئانا

164
كەچۈر ئانا، سېغىنساڭ يوقلىيالمىساق،
يىراقلاردىن خەت يېزىپ يادلىيالمىساق.
سەۋەنلەردىن، كەچۈرگىن ، ساقلىنالمىساق،
ھالالدۇرمىز نۇرۇڭغا قاقلىنالمىساق،
كەچۈر ، ئانا، ئەجرىڭنى ئاقلىيالمىساق.
بۇ دۇنيادىن سېنىڭدەك ئالقىش ئالماق تەس،
پەرۋىشلىرى پەرزەنتىنىڭ ئاسان ئىش ئەمەس.
بىزدىكى جان ئەسلىدە سەن بەرگەن نەپەس،
قۇياش ساڭا ھەر تاڭدا قىلدۇ ھەۋەس،
كەچۈر، ئانا، ئەجرىڭنى ئاقلىيالمىساق.
دانالاردىن دانا سەن دۇنيادىكى،
ئۆزۈك بەرگەن ھۆسندۇر گۈل-گىياھتىكى،
سەندىن ئالغان خسلەتتۇر ھەر قىياقتىكى،
تىلىكلىرىڭ ياخشىلىق ھەر دۇئادىكى،
كەچۈر، ئانا، ئەجرىڭنى ئاقلىيالمىساق.
ئۆيدە سەنسىز كۆرمىدۇق چىراغ ياققاننى،
تەۋەررۈك، دەپ ساقلايمىز سەندىن قالغاننى،
تەڭرى ئۇرار ئاقىۋەت سەندىن تانغاننى،
قايتۇرماق تەس، جان ئانا، سەندىن ئالغاننى،
كەچۈر،ئانا، ئەجرىڭنى ئاقلىيالمىساق.

ئالدىنقى شېئىر:

كېيىنكى شېئىر:

شېئىرلىرىمىزنى ياقتۇرغان بولسىڭىز بېكىتىمىزگە مۇشتەرى بولۇپئەڭ يېڭى شىئىرلاردىن خەۋەردار بولۇڭ

سىزمۇ باھا يېزىپ بېقىڭ