بۇلبۇل بلوگى

0

كېچە دەرىخىنىڭ ھەر خىل مېۋسى

206

شېئىر ۋە ئۆلۈم ۋە قىز ۋە كېچە ۋە بولۇم ۋە يوقلۇق ۋە مەستلىك
ھەممىسى كېچە دەرىخىنىڭ ھەر خىل مېۋىسى
ئۇنى كۆر   ئاڭلا   پۇرا   سىلا
يېمىگىن ئەمما
يېدىڭمۇ، قوغلىنىسەن
سۈرگۈنگاھىڭغا
كېچىدىن قارا

سەن كېچىنىڭ بوياقلىرى بىلەن
قەلبىمگە سۈرەت سىزىسەن
موميا   ئەنقا   ھېچنېمە
سۈرەتلىرى شۇنچىلىك كېچە

مەن كېچىنىڭ شارابىدا غەرق مەست بولسام
ئاۋال ھالاكەت مەنزىرىسى ئايلىنىدۇ پارچە-پارچە، رەڭلىك سۈرەتكە
ئاندىن ھەر بىر سۈرەتلەر يەل گۇمپىسى بىلەن ئېتىلغاندەك ماڭا قاراپ پىرقىرىغانچە كېلىدۇ تۇشمۇ-تۇشتىن دەھشەتلىك
قوللىرىم بىلەن ئىختىيارسىز توسۇۋالساممۇ
بارماقلىرىمدىن تىشىپ ئۆتۈپ
سانچىلىدۇ مېڭەمگە، تاۋۇزغا پىچاق سانچىلغاندەك
ئاغرىيدۇ پاتقۇزۇپ بولالماي قىرلىق، قاتتىق ئوبرازلارنى بۇ كاللام
كۆزلىرىمنى يۇمۇۋالسام، كۆرۈنۈپ تۇرىدۇ يەنە شۇ ئوبراز…
كۆرۈنىدۇ كۆزۈمگە يۈرىكىم، يۈرەكتىكى مۇنۇ خەت ھەتتا:

خەت ئويغۇچ ماشىنا بىلەن ئۇيۇلغان ئادەمدىنمۇ يوغان، بەك يوغان
ھەمدە ئاپئاق

كېچىنىڭ تىغىدا يۈرەكلەر يارا

مەن سېنى كېچىلەشتۈرىمەن−كېچە قىزى
ئەي، سەن كېچە قىزى
كېچىنىڭ گۈلى
كېچە جەۋھىرى
كىمنى ساقلىدىڭ جاراھەتنىڭ چوڭقۇرلۇقىدا؟

كېچىنىڭ تىغىدا يۈرەكلەر يارا

سەن ئەڭ شېئىرسىراپ كەتكەن كۆكسۈم مىسرالىرى ئۈچۈن خۇرۇچ
ئىماگ ھەرىلىرى ئىشلەپچىقارغان ھەسەل
ئۆلۈم چېچكىنىڭ چاڭدانلىرىدىن شىرنە يىغىپ بىرمۇ-بىر
توشۇغان كېچىدىنمۇ كېچە قەلبىمگە تۈگەل

مەن ئۈچۈن سەن شېئىرىي بۇلاق
شىلدىر-شىلدىر
ئاققان قەلبىمگە قاراپ
زۇلمەتلىك قېنىمدەك ئەسەبىي ھۇۋلاش
كېلىدۇ سېنىڭدىن ئۆلۈمگە كەتكەن ئېچىرقاپ

مەن كېچىلەردىن كېچىلەرگە ئاتلايمەن
دېڭىزغا چۆككەن قۇياشنى ئىزدەپ
كېچە، ئايغا بېرىمەن سالام
تاڭدا سەجدە قىلىمەن ھەم قوياشقا قاراپ

كېچە قۇش
قۇش ئورمان
ئورمان تومۇر
تومۇر كۆك رەڭ
كۆك رەڭ يوتا
يوتا شەھۋەت
شەھۋەتتۇر شەيتان
شەيتان نۇر-زىيا
زىيادۇر بەدەن
بەدەن تىرىلىش
تىرىلمەك ئۆلۈم
ئۆلۈمدۇر كېچە، سۈيى قۇرىغان

مەن سېنىڭ كۆزۈڭ ئارقىلىق كۆرۈمەن
چۇل-چۇل قەلبىمنى
كېچە تېشىدا جاراڭلاپ چېقىلغان بىردىن

ئالدىنقى شېئىر:

كېيىنكى شېئىر:

شېئىرلىرىمىزنى ياقتۇرغان بولسىڭىز بېكىتىمىزگە مۇشتەرى بولۇپئەڭ يېڭى شىئىرلاردىن خەۋەردار بولۇڭ

سىزمۇ باھا يېزىپ بېقىڭ