بۇلبۇل بلوگى

0

كاككۇك

370

كاككۇكۇم، چىرايلىقسەن كۆكلەم مەۋسۇمى
يۇرتۇمنى سېغىنىپ كەپسەن يىراقتىن.
تەبىئەت ياپيېشىل، نەپەس ئالىسەن_
گۈللەردىن ئۇرغۇغان شېرىن پۇراقتىن.

بوستانلار ئارىلاپ، باغلاردا سايراپ،
زېمىنگە تاشلايسەن مەپتۇن بىر نەزەر.
كۆزۈڭگە چېلىقماي قالغاندۇ تاشلىق،
قەدىمىي سايلىقلار، يانياقلىق يەرلەر.

ھە، بۈگۈن يۇرتۇمدا ئۆزگىرىشلەر چوڭ،
ۋادىغا ئايلاندى قاغجىراق تاشلىق.
دېھقانلار ئۆم بولۇپ كوپىراتىپتا،
ئويغانغان دەشىتلەردىن ئالماقتا ئاشلىق…

1956-يىل ئىيۇل ، ئاغۇ

______________
ئىزاھ : مەزكۇر شېئىر «بوستان» ژۇرنىلى (يەنى ھازىرقى «كروران» ژۇرنىلى) نىڭ 1997-يىل 2-سانى 51-بېتىدىكى « مەشھۇر شائىرلىرىمىزنىڭ تۇنجى شېئىرى ۋة ۋەكىللىك شېئىرلىرىدىن نەمۇنە» سەھىپىسىدە ئېلان قىلىنغان.

شېئىرلىرىمىزنى ياقتۇرغان بولسىڭىز بېكىتىمىزگە مۇشتەرى بولۇپئەڭ يېڭى شىئىرلاردىن خەۋەردار بولۇڭ

سىزمۇ باھا يېزىپ بېقىڭ