بۇلبۇل بلوگى

0

جىنايەت قىشى

234

1

 

بىر قېتىم ئۈچۈنلا ياشالغان ھەر پەيت

ئۆز خاتالىقىنى يەنە بىر رەت تۈزىتەلمىگۈدەك شەكىلدە

قانات ئاستىغا ئالىدۇ.

 

ماڭا قاناتلىرىمنى تاشلاتقۇزۇشتى.

ماڭا ساتقۇنلۇقنى ئۆگىتىشتى.

 

باشقا خەۋەر يوق.

 

2

 

ئىككىگە بۆلۈنگەن بىر پۈتۈن كەبى ياشىدىم

بىر تەرىپىم دۈشمەن يەنە بىر تەرىپىمگە

ئوڭۇمدا قىززىق قۇملارنى كەزدۈردۈم

سولۇم مۇزلىماقتا كونا بىر خاتىرەمدە.

 

3

 

شام تېرىككەك. ئۆز ئوتىدا

ئۆزىنى يوق قىلىدۇ سىلىققىنە.

ئېرىش ئۈچۈن مەۋجۇتسەن، تەقدىرىڭگە ئىشىنىسەن.

ئۆلۈۋاتقاندا بىلىنمەس، نۇرنىڭ سۇلغان ۋاقتىسەن.

 

ھېچبىر سۆيگۈ تىترىمەس مەڭگۈ

پۈتۈنلۈكىنى يىتتۈرگەچكە ئۆلىدۇ بىر شام

ۋە ئىنسان ئازاپتىن ئۆلىدۇ بىر كۈن.

 

4

 

يۈزۈمدە ئېلىپ يۈرگەن قۇدۇق

سوغۇق ئىقلىم

ئېغىر ياپراق تېنىمدە

تۇرۇپ قايتىپ قولۇمنى تەككۈزگەن

يۈك.

 

يامغۇر ئارىمىزغا تارتىپ قويغان پەردىنى يىرتىۋاتىمەن

ئۆتۈۋاتىمەن كۆكسۈمدىكى ئۇيقۇنىڭ پىچەكگۈلىدىن

بىر ئازدىن كېيىن دۇنيا مېنى ئۇنتۇيدۇ، مەن ئۇنى

چۈشەنمەي قالدىم.

 

سوغۇق ئىقلىم،

تۇرۇپ قولۇمنى تەككۈزگەن

قايتىپ سېنى

مەنمۇ ئۇنتۇپ كېتىمەن.

 

5

 

ئىنسان ئۆلسە ئازاپتىن ئۆلەر بىر كۈن

ئۆزىگە يەنە بىر رەت يولۇقالمىغاچ،

قويغان يەردە تۇرمايدىغان بولغاچقا ھايات

خاتالىقنى ئەسلىگە قايتۇرۇش مۈمكىن بولمىغاچ.

 

ھېچبىر سۆيگۈ تىترىمەس مەڭگۈ

پۈتۈنلۈكىنى يىتتۈرگەچكە ئۆلىدۇ بىر شام

ۋە ئىنسان قاناتلىرىدىن

ئايرىلار بىر كۈن

 

* * * * * * *

ئاپتورى: بىرخان كەسكىن

تۈركچىدىن ئەنۋەر ھامىت تەرجىمىسى

* * * * * * *

ئالدىنقى شېئىر:

كېيىنكى شېئىر:

شېئىرلىرىمىزنى ياقتۇرغان بولسىڭىز بېكىتىمىزگە مۇشتەرى بولۇپئەڭ يېڭى شىئىرلاردىن خەۋەردار بولۇڭ

سىزمۇ باھا يېزىپ بېقىڭ