بۇلبۇل بلوگى

0

جانان كېلىدۇ

207

ياز كەلدى، تولۇپ قەددى سۇۋادان كېلىدۇ.
يەلپۈنگىنىچە شۇ چېچى بوستان كېلىدۇ.

تارقاتتىمۇ دەپ يۈرمە شامال شۇندا ئىپار،
پۈركۈپ يەنە خۇش بۇيىنى رەيھان كېلىدۇ.

ھىيت كەلدىغۇ دەپ ئەگمە قېشى جىلۋە قىلىپ،
تاڭ ئاتتى مانا دەپ كۆزى چولپان كېلىدۇ.

كاككۇكنى خىجىل ئەيلىگۈدەك كۈلكىسى بار،
گۈل غۇنچىسىدىن ئۇز لېۋى خەندان كېلىدۇ.

بوغجۇمىسىدا پەتنۇس ئەمەس، بەلكى كىتاپ،
كۆڭلۈم ئۆيىگە ئۆزگىچە مىھمان كېلىدۇ.

دەستۇر ئېلىپ ئاستانە ئەرەستۇلىرىدىن،
ئەل رەنجىگە مەلھەم يېڭى لوقمان كېلىدۇ.

بىللە ئۇچىمىز دەپ ئىدى پەن ئاسمىنىدا،
شۇ لەۋزىگە خاس قىلغىلى جەۋلان كېلىدۇ.

كۆڭلۈم سۆيۈنۈپ تەلپۈنىدۇ، ئىنتىلىدۇ.
چۈنكى يۈرىكىم پارىسى – جانان كېلىدۇ.

چىقماي نە ئۈچۈن قۇچقىلى باغرىمنى ئېچىپ؟
ئۆمرۈمگە مېنىڭ ئەزگۈ شەرەپ – شان كېلىدۇ.

ئالدىنقى شېئىر:

كېيىنكى شېئىر:

شېئىرلىرىمىزنى ياقتۇرغان بولسىڭىز بېكىتىمىزگە مۇشتەرى بولۇپئەڭ يېڭى شىئىرلاردىن خەۋەردار بولۇڭ

سىزمۇ باھا يېزىپ بېقىڭ