بۇلبۇل بلوگى

0

ئىت ئۈرەر،كارۋان يۈرەر

178

<ئىت ئۈرەر،كارۋان يۈرەر،قايتماس ئىزىدىن ئارسلان>،

بىلسە ئادەم،  بۇ ئۆمۈرنىڭ ھەر كۈنى بىر  ئىمتىھان.

مەيلى ئىتلار ھاۋشىسۇن،چاقسۇن يەنە ھەرە، پاشا،

بول ۋاپا، ۋىجدان بېغىدا   مەڭگۈ بىدار باغىبان.

تەنە- تۆھمەتتىن خالىي بولماي ئۆتتى تا لوقمان ھېكىم،

ھەممىسى بىتتى، لېكىن  قالدى ھېكىمدىن نام- نىشان.

بىر ماقال باردۇر <كۆرۈنگەن تاغ يىراق ئەمەس>ئىمىش،

يولچىغا  مەنزىل توشامدۇ   بولسا يۈزلەپ مۇز داۋان.

مەيلى چىقسۇن بورىنى،  ياغسۇن ۋە ھەتتا مۆلدۈرى،

كەل نىگار،   ۋەتەن بېغىغا تەڭ بولايلى پاسىبان!

1969-يىلى 20-ئىيۇن

ئالدىنقى شېئىر:

كېيىنكى شېئىر:

شېئىرلىرىمىزنى ياقتۇرغان بولسىڭىز بېكىتىمىزگە مۇشتەرى بولۇپئەڭ يېڭى شىئىرلاردىن خەۋەردار بولۇڭ

سىزمۇ باھا يېزىپ بېقىڭ