بۇلبۇل بلوگى

0

ئىت ئۈرەر، كارۋان يۈرەر

277

”ئىت ئۈرەر، كارۋان يۈرەر، قايتماس ئىزدىن ئارسلان“،

بىلسە ئادەم، بۇ ئۆمۈرنىڭ ھەر كۈنى بىر ئىمتىھان.

مەيلى ئىتلار ھاۋشىسۇن، چاقسۇن يەنە ھەرە، پاشا،

بول ۋاپا، ۋىجدان بېغىدا مەڭگۈ بىدار باغىبان.

تەنە – تۆھمەتتىن خالىي بولماي ئۆتتى تا لوقمان ھېكىم،

ھەممىسى بىتتى، لېكىن قالدى ھېكىمدىن نام-نىشان.

بىر ماقال باردۇر: ”كۆرۈنگەن تاغ يىراق ئەمەس“ئىمىش،

يولچىغا مەنزىل توشامدۇ بولسا يۈزلەپ مۇز داۋان.

مەيلى چىقسۇن بورىنى، ياغسۇن ۋە ھەتتا مۆلدۈرى،

كەل نىگار، ۋەتەن بېغىغا تەڭ بولايلى پاسىبان!

1968-يىل 20-ئىيۇن، ئۈرۈمچى

ئالدىنقى شېئىر:

كېيىنكى شېئىر:

شېئىرلىرىمىزنى ياقتۇرغان بولسىڭىز بېكىتىمىزگە مۇشتەرى بولۇپئەڭ يېڭى شىئىرلاردىن خەۋەردار بولۇڭ

سىزمۇ باھا يېزىپ بېقىڭ