بۇلبۇل بلوگى

2

ئىسمىڭ باھار ئىدى

375

شەھەرنى يالغۇزلۇق باساتتى ئۇخلاپ قالساڭ

يۈزۈمدە پەسىللەر ئالمىشاتتى ئويغانغىنىڭدا

بىلمەيتتىڭ سېنى يوشۇرۇنچە سۆيگىنىمنى

سۆيگۈڭ ئىچىمدە ياشايتى، ئىسمىڭ باھار ئىدى.

 

مەھەللىمىزدىن ئۆتۈپ قالساڭ ناۋادا

پۈتۈن كوچا جىم بولاتتى، ساڭا باقاتتى

بىلمەيتتىڭ يوشۇرۇنچە كۈزەتكىنىمنى

كۆزلىرىم كۆزلىرىڭدىن قورقاتتى

ئېىسىمدە تېخىچە، ئىسمىڭ باھار ئىدى.

 

كوچىدا بايرام ئىدى بېكەتتە ساقلىشىڭ

مەڭگۈلۈك ئايرىلىشتەك بىلىنەتتى مەكتەپكە كېتىشىڭ

بىلمەيتتىڭ، سېنى ھەر سەھەر ئۇزىتىپ قوياتتىم

يۈرىكىم يول بويى ئارقىڭدىن يىغلايتتى

ئېسىمدە تېخىچە، ئىسمىڭ باھار ئىدى.

 

* * * * * * *

ئاپتور: يىلماز ئەردوغان ( تۈركىيە)

ئەنۋەر ھامىت تەرجىمىسى

* * * * * * *

ئالدىنقى شېئىر:

كېيىنكى شېئىر:

شېئىرلىرىمىزنى ياقتۇرغان بولسىڭىز بېكىتىمىزگە مۇشتەرى بولۇپئەڭ يېڭى شىئىرلاردىن خەۋەردار بولۇڭ

ھازىرغىچە 2 پارچە ئىنكاس بېرىلدى

  1. ئالۋۇن /2016-04-13 05:28

    يازمىلارنى تۇلىمۇ ياقتۇردۇم ، بلوگ ئاتامانىنى بىلگۈمۈم كىلىۋاتىدۇ ، ئۇيغۇربەگ بىگىم ئەمەستۇ ھە …؟ جاۋاب

    #1
  2. ئالۋۇن /2016-04-13 05:30

    يازمىلارنى تۇلىمۇ ياقتۇردۇم ،بۇ يەردە ئۇيغۇر بەگنىڭ پۇرىقى كىلىۋاتىدۇ … جاۋاب

    #2

سىزمۇ باھا يېزىپ بېقىڭ