بۇلبۇل بلوگى

0

ئىشىكى ئالدىدا ئاتام ئولتۇرۇر

270

ئ‍ىشىكى ئ‍الدىدا ئ‍اتام ئ‍ولتۇرۇر
يورۇق يۈزىنى يولۇمغا تۇتۇپ
مەن ئ‍اتامنىڭ ئ‍ەركە بالىسى
يۈرىمەن جاھاننىڭ دەردىنى يۇتۇپ

جان ئ‍اتا مەن سۇدىن چىقسام توڭلىدىم
ئ‍وتقا چۈشسەم ياندىم لاۋۇلداپ
ئ‍ون تۆت قەۋەت ئ‍ىچىمنىڭ ئ‍ىچى
يەتتىسى جەننەتتۇر ،يەتتىسى دوزاق

ئ‍اتا ، مېنى ھېچكىم سۆيمىدى
بۇ جاھاندا سېنىڭدىن بۆلەك
قۇمۇل خەلق ناخشىلىرىدەك
لىخشىپ لىخشىپ ئ‍اغرىدى يۈرەك ..

2016- 3- 18كۈنى، كەچ

ئالدىنقى شېئىر:

كېيىنكى شېئىر:

شېئىرلىرىمىزنى ياقتۇرغان بولسىڭىز بېكىتىمىزگە مۇشتەرى بولۇپئەڭ يېڭى شىئىرلاردىن خەۋەردار بولۇڭ

سىزمۇ باھا يېزىپ بېقىڭ