بۇلبۇل بلوگى

0

ئىنسان

259

تۇمان ئارا كەلدىم دۇنياغا،
تەغدىرىممۇ ئوخشار تۇمانغا.
قار قاپلىغان دەرىزىلەردەك،
سوغۇق نەزەر تاشلاپ جاھانغا.

توپا باسقان روھىمدا ئۆمىد،
ئىللىققىنا تۇرىدۇ كۈلۈپ.
كىم بىلىدۇ يوقتۇر ھېچ كىشى،
تۇرغاندىمەن بىھۇدە كۈتۈپ.

ئۇنتۇش ئازاپ ئۇنتالماسلىق ھەم
بىر ئازاپقا بولدۇم مۇيەسسەر.
كۈزدەك گۈزەل، غېرىپ قەلبىمدە،
ياشاپ كەلدىم يەنىلا قەيسەر.
ئۇنتالمايمەن
ئۇنتۇش ئۈچۈن يازغان شېئىرنىڭ
ئەسلىمىدۇر تۇنجى مىسراسى.
بەخىتلىكمەن دىگىنىم يالغان
كۈلكەمدە بار ياشنىڭ ئىزناسى.
ئۇنتالمايمەن
غەمكىن كۈلۈپ ياتقان غازاڭنىڭ
كۈللىكىدە تۇرغان باھارنى.
ئۇتالمايمەن ھامان بىر كۈنى
مەن ئۈچۈنلا ياغقان ئاق قاردا
سېنىڭ كۈلۈپ كېلىشلىرىڭنى.
ئوماق قىزچاق سەن بارمۇ يوقمۇ
كىملىكىڭنى بىلمەيمەن تېخى.

يالغۇزمۇسەن ناتونۇش ئەركەم؟
ئارلىشامدىم چۈشۈڭگە بەزەن.
غېرىپسىنساڭ يامغۇرلۇق كەچتە
خىيالىمنى قىلغىن سايىۋەن.
ئۆلۈپ كەتسەم يالغۇزچىلىقتا
قەبرە ياسا قەلبىڭگە جەزمەن!

يالغۇزمۇ سەن ناتونۇش ئەركەم؟
قۇياش پارلاپ تۇرغان دۇنيادا
ھېچكىم يالغۇز قالمايدۇ جەزمەن.

ئالدىنقى شېئىر:

كېيىنكى شېئىر:

شېئىرلىرىمىزنى ياقتۇرغان بولسىڭىز بېكىتىمىزگە مۇشتەرى بولۇپئەڭ يېڭى شىئىرلاردىن خەۋەردار بولۇڭ

سىزمۇ باھا يېزىپ بېقىڭ