بۇلبۇل بلوگى

0

ئىنسان ساپ ئالتۇن ئەمەس

175
ئىنسان دېگەن ساپ ئالتۇن ئەمەس
مەندە نۇقسان سېنىڭدە سەۋەن،
چۈنكى، ئىنسان ساپ ئالتۇن ئەمەس.
تۈمەن سەۋەن ئادەملەرگە تەن،
چۈنكى،ئىنسان ساپ ئالتۇن ئەمەس.
قوغۇنلۇققا بىرى شۇمبۇيا،
ئاق قەغەزگە تۆكۈلگەن سىياھ؛
بىرى ئەلگە بەھرى يوق گىياھ،
چۈنكى، ئىنسان ساپ ئالتۇن ئەمەس.
ئەمەللەر ئاز، قەسەملەر تولا،
خاتا باسقان قەدەملەر تولا.
خاتا يازغان قەلەملەر تولا،
چۈنكى، ئىنسان ساپ ئالتۇن ئەمەس.
ئۆز گىپىنى“ راسىت!“ دەيدۇ بىرى،
”مەن-مەن“لىكتىن يۈرمەيدۇ نېرى.
بولدى بىرى پۇلنىڭ دىلبىرى،
چۈنكى ئىنسان ساپ ئالتۇن ئەمەس.
بىرى يۈرەر ئەلدىن ياتلىشىپ،
شورا بۇزۇپ، تامدىن ئاتلىشىپ.
كاردىن چىقتى بىرى داتلىشىپ،
چۈنكى ، ئىنسان ساپ ئالتۇن ئەمەس.

ئالتۇن رەڭنىڭ نۇرغۇنلىرى مىس،
مىس ئالتۇنغا قىلىدۇ خىرىس.
كۆرۈنگەنگەن بولماڭلار ھېرىس،
چۈنكى، ئىنسان ساپ ئالتۇن ئەمەس.

بىرلىرىنىڭ ۋەدىسنى يالغان،
بىرلىرى بار يارىدىن تانغان.
بۇ سەۋەنلەر قەدىمدىن قالغان،
چۈنكى، ئىنسان ساپ ئالتۇن ئەمەس.
2001-يىل2-يانۋار، غۇلجا
شېئىرلىرىمىزنى ياقتۇرغان بولسىڭىز بېكىتىمىزگە مۇشتەرى بولۇپئەڭ يېڭى شىئىرلاردىن خەۋەردار بولۇڭ

سىزمۇ باھا يېزىپ بېقىڭ