بۇلبۇل بلوگى

0

ئىلىمگە ئىلھام

190

يۈرەكتە داغۇ ھەسرەت، دىلدائازادلىقتەمەنناسى،
نەدۇر ئازاب دېسەم، كۆكسۈمدە بارقۇللۇقنىڭ تامغاسى.

ھاياتىم ھالال ئەمگەك ۋەتەن ھەم ئىدى مىراسىم،
كېلىپ بىر مۇتتەھەم قىلماقتا خوجايىنلىق دەۋاسى.

ھالال رىسقىمنى ئەركىنلىكتە مىننەتسىز يېيەلمەيمەن،
تۇرالمايدۇ بىر تۇخۇمغا تەڭ ئون توخامنىڭ ھەممە ئەزاسى.

ئەگەر بىر كىم بۇ زۇلۇمدىن زارلەر مىڭ تۈمەنلەپ قىلسا،
چاتاق يوق تېخى ئاشماقتا ئۇنىڭ سەيلە تاماشىسى.

يېگۈزمەي تارتىۋالغان پۇل ۋە ماللار زادى كىمنىڭكى؟!…
ۋە يا ئەمگەك بىلەن تاپقانمۇ گومىنداڭنىڭ ئىپلاسى!

زۇلۇمنىڭ قامچىسىدىن باشقا ھېچ نەرسە كۆتۈرگەن يوق،
بۇ سۆزنىڭ ھەقلىقىگە شاھىدىم ئىنسانىي دۇنياسى.

قەبىھ دۈشمەنگە قارشى سەن كۆرەشكە چىقمىساڭ ئەسلا،
يۈز ئەللىك يىل ئۆمۈر كۆرۈشكە بارمۇ تەڭرىنىڭ ئىمزاسى؟!

قورال تۇتماي، كۈرەش قىلماي پەقەت ئەركىن ياشىيالمايسەن،
جاھان بازارىدا شۇنداقلا ئازادلىقنىڭ سەۋداسى.

قاراقاش ئورنىغا ئەمدى قىلىچنى ياخشىراق سۆيگىن،
ھايات ئۇ، ھەرگىز ئۆلمەيدۇ، كۆرەشكە بولسا ئىخلاسى.

ئېلىڭ، يۇرتۇڭ، ھاياتىڭ ھەمدە ئەۋلادىڭنى قايغۇرماي،
قورساق تويغانغا شۈكرى ئېيتساڭ بولۇرسەن ھەممىگە ئاسىي.

كېسىپچاپ، دۈشمىنىڭنىڭ بېشىنى قويما يۇرتۇڭدا!…
بۇڭا تەكلىپ قىلۇر قەلبىڭدە ۋىجدانىڭنىڭ شولاسى.

ئۇ، بەد بەخلەرنى ئىنساپقا كېلىدۇ، دەپ ئويلىما ھەرگىز،
كۈرەش قىلماق بۇ كۈندە بولدى ھەممە ئىشنىڭ ئەلاسى.

دىلىڭغا ئەسلا نۇقسان يەتمىسۇن تۈرلۈك گۇمانلاردىن،
گۈلۈڭنى سولدۇرمىسۇن ھەرگىز ئۇلارنىڭ پىتنەئىغۋاسى.

ئەگەر ئۆلسەڭ شېھىت سەن، ھايات قالساڭ ئېتىڭ غازى،
بۇدۇر ھەقنىڭ كالامى، نىمشېھىتنىڭ ساڭا ئىماسى.

1945-يىل نويابىر، غۇلجا

ئالدىنقى شېئىر:

كېيىنكى شېئىر:

شېئىرلىرىمىزنى ياقتۇرغان بولسىڭىز بېكىتىمىزگە مۇشتەرى بولۇپئەڭ يېڭى شىئىرلاردىن خەۋەردار بولۇڭ

سىزمۇ باھا يېزىپ بېقىڭ