بۇلبۇل بلوگى

0

ئىلھام ئىزدەش

206

1
موللاخۇن ھازىر
روك ناخشىلىرىنى تىڭشايدۇ
كۈندۈلۈك خاتىرىسىدىكى تۇنجى يارى ھەققىدىكى سەترلەرنى يېنىشلاپ ئوقۇيدۇ
ئۆيىدىكى ۋاراقلاپلا قويۇپ قويغان “قۇتادغۇبىلىك” ۋە “ئىلىيادا” نامىلىق كىتابلارنى باشقىدىن ۋاراقلاپ باقىدۇ
قايسىبىر ژۇرنالدىن سېرگىي يېسىنىنىڭ مۇھەببەت ۋە ئۆلۈم قىسمىتىنى ئوقۇپ چىقىپ، شېئىر دېكلىماتسىيە قىلىدۇ
ئۆيىنى ۋە كەيپىياتىنى تەڭشەيدۇ دەپ سۇ قۇيۇپ تۇرىدىغان تەشتەكتىكى گۈلىنى ئاتايىن پۇرايدۇ
تىقىپ قويغان پارچە ھارىقىنى ئىچكەچ، سېرىق دەيمۇ كۆرۈپ قويىدۇ
قولىغا قەلەم ئېلىپ، “ئېلىپبە” نى ئۇنۇتۇپ كەتكەندەك قەلەمنى چىشلەپ تۇرىۋالىدۇ
ھەممە توختايدۇ
ئۇ ئىزدەۋېرىدۇ

2
تولۇقسىزدىكى موللا موللاخۇن مۇنداق دەيتتى:
شەيتان تومۇرىمىزدا يۈگۈرۈپ يۈرۈيدۇ
ۋاقتى كەلگەندە يۈز ئۆرۈيدۇ بەك تېز، بەكلا تېز
خۇدانىڭ پەرمانىغا بويۇن تولغىغاندەك
(شەيتان ئىپتىدا ۋە ئىنتىھانى بىلمەيدىغاندەك )
3

– ئىلھام قانداق كېلىدۇ؟
– ئاتلاپ ئۆتۈپ كېتىدۇ
شەيتان ئاتلىغاندەك…
موللاخۇن ئىككىمىز مۇشۇنداق دېيىشىۋاتاتتۇق

2016 – يىلى 2 – ئاينىڭ 21 – كۈنى، ئۈرۈمچى

ئالدىنقى شېئىر:

كېيىنكى شېئىر:

شېئىرلىرىمىزنى ياقتۇرغان بولسىڭىز بېكىتىمىزگە مۇشتەرى بولۇپئەڭ يېڭى شىئىرلاردىن خەۋەردار بولۇڭ

سىزمۇ باھا يېزىپ بېقىڭ